قىش كۈنلىرىدىكى ئېبنۇر كۆلى
جىمجىت ھەم چوڭقۇر بولۇپ
كۈمۈش رەڭ لىباس كىيگەن بۇ مەنزىرىنىڭ
گۈزەللىكى جاھاندا تەڭداشسىز
چىن گۈيليەن فوتوسى
كۆل يۈزىدە تۇتقان مۇز ئەينەكتەك بولۇپ
كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئەكس ئېتىپ
خۇددى ۋاقىت مۇشۇ پەيتتە توختاپ قالغاندەك بىلىنىدۇ
سوغۇق شامال يەلپۈپ ئۆتكەندە
كىرىستالدەك تۇتقان مۇزلار چاقناپ
قىش كۈنلىرىدىكى چۆچەكلەرنى بايان قىلىدۇ
چىن گۈيليەن فوتوسى
سۈن شۈچياڭ فوتوسى
بوشلۇقتىن قارىغاندا
چوقچىيىپ چىققان قار دۆۋىلىرى كۆك رەڭلىك مۇز ئۈستىدە
خىلمۇخىل ئۆزگىرىشچان، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئابستراكت رەسىمنى ھاسىل قىلىپ
جىلغىغا ئوخشايدىغان تۈرلۈك-تۈمەن تاغ-دەريالار
ئۇزاققا سوزۇلغان دەريا-ئېقىنلار
سىرلىق، خىلۋەت تاشقى پلانېت دۇنياسىغا تېخىمۇ ئوخشايدىغان بولۇپ
فانتازىيەلىك فىلىملەردىكى كۆرۈنۈشلەردىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ
سۈن شۈچياڭ فوتوسى
سۈن شۈچياڭ فوتوسى
جاڭ يەنشېڭ فوتوسى
جاڭ يەنشېڭ فوتوسى
جاڭ يەنشېڭ فوتوسى
كۆل بويىدا سەيلە قىلغاندا
ھەربىر قەدەمدىن چىققان «غىچ-غىچ» ئاۋاز
قىش كۈنلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مېلودىيەسى
ئېبنۇر كۆلىنىڭ قىش پەسلى
خۇددى جىمجىت كاتتا زىياپەتتەك
تەبىئەتنىڭ ئەڭ ساپ سوۋغىسىدۇر
(بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ياڭ ۋېيۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چىن گۈيليەن، جاڭ يەنشېڭ، سۈن شۈچياڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى