باھار بايرىمىنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ھەممە يېرى قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا چۆمدى. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى باش بولۇپ، ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى بۇ ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا باشلاندى. نەق مەيداندا 100دىن ئارتۇق سودىگەرنىڭ يايما ئورنى رەتلىك تىزىلغان ئىدى. قۇرۇتۇلغان گۆش، سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىق تۈرلۈك ماللاردىن كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ھىد كېلەتتى، كەمپۈت، پېچىنە-پىرەنىكلەر رەڭگارەڭ بولۇپ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئىدى. سۈرەتتە: چەرچەن ناھىيەسىدىكى ئاھالە قىزىنى ئېلىپ ئويۇنچۇق تاللىماقتا. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي)
چەرچەن ناھىيەسىدىكى خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى قەلەم، سىياھ، قەغەز، سىياھداننى ئېلىپ، نەق مەيداندا ئاھالىلەرگە چۇنليەن يېزىپ بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان چۇنليەن ئاھالىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.
باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى رەسىم كۆرگەزمە رايونىدا رەڭدار رەسىملەر تىزىلغان بولۇپ، بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان باھار بايرىمىلىق رەسىملەرنىڭ ئالدىدا ئاھالىلەر لىق تولغانىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى