تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار بايرىمىدا شىنجاڭدىكى بۇ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ!

خۇش خەۋەر

1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە

(باھار بايرىمى ھارپىسىدىن باھار بايرىمىنىڭ 15-كۈنىگىچە)

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

(ئارىلىق ئاپتوموبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

ئىگىلىنىشىچە

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ

قىش-ئەتىياز پەسىللىك ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى

10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولۇپ

ھەر كۈنى سائەت 09:30دىن 17:00گىچە ئىكەن

ئارىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ بېرىش-كېلىش باھاسى بىر ئادەم 60 يۈەن ئىكەن

    بۇنىڭ ئىچىدە

بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن تۆۋەن ئورۇن ئىگىلىمەيدىغان بالىلارغا قارىتا

ئارىلىق ئاپتوموبىلىدا بېلەت كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن

    بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر (1.3 مېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بالىلارغا

ئارىلىق ئاپتوموبىلىدا يېرىم باھالىق بېلەت ئېتىبار سىياسىتى قوللىنىلىدىكەن

    65 ياشتىن (65 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاشقان ياشانغانلار

ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاتارلىق كىشىلەر توپى

كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى بىلەن يېرىم باھالىق بېلەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن

تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت). شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن سۈرەت

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى تەۋەسىگە جايلاشقان

دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق داڭلىق مەنزىرە رايونى بولۇپ

دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى

   2013-يىلى دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنىغا ئايلانغان

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى

مەملىكەتلىك مەدەنىي مەنزىرە ساياھەت رايونى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن

ساياھەتچىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). خې لۇڭ فوتوسى

    تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى

بوغدا كۆلىنى مەركەز قىلىپ

ئورمان، ئوتلاق، قارلىق تاغ، ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدە قىلغان

    كۆل بويىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا

بوغدا كۆلىدە زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ

خۇددى تاغلار ئارىسىغا قويۇلغان يالتىراپ تۇرغان زۇمرەت قاش تېشىغا ئوخشايدۇ

كۆل ۋە تاغلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى قوشۇلۇپ كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ

كۆل ئەتراپىدىكى تاغلار ياكى قارىغاي، ئارچىلار ياپيېشىل كۆرۈنىدۇ، غەلىتە تاشلار چوقچىيىپ تۇرىدۇ

بوغدا چوققىسى ھەيۋەتلىك، خەتەرلىك بولۇپ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ

ساياھەتچىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). خې لۇڭ فوتوسى

    باھار بايرىمى يېتىپ كېلەي دېدى

    ئائىلىڭىزدىكىلەر، دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە

تىيانشان بوغدا كۆلىنى ساياھەت قىلىپ

    كۆل ۋە تاغلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن چاچما سىياھ رەسىمنى تاماشا قىلىڭ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.