تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تەكلىماكان قۇملۇقىدا قېلىن قار ياغدى!

يېقىندا

تەكلىماكان قۇملۇقى

ئاز كۆرۈلىدىغان بىر مەيدان قېلىن قارنى كۈتۈۋېلىپ

بىپايان «قۇم دېڭىزى»

كۆز يەتكۈسىز «قار دېڭىزى»غا ئايلاندى

قۇم بارخانلىرىنىڭ قاتلاملىرى

قار ئاستىدا كېيىن تېخىمۇ يېقىملىق تۈسكە كىردى

ئېگىزلەپ-پەسىيىپ تۇرغان قۇم بارخانلىرى

ئاپئاق قار قاتلىمىدا ئۆزگىچە سىزىقچىلارنى ھاسىل قىلغان بولۇپ

خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ سىزغان ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى

ئاپئاق تۇمان سۆڭگىسى

يۇلغۇن، توغراق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرگە ھۆسىن قوشۇپ

مەرۋايىتتەك چاقناپ

خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرگە ئوخشاش

قۇملۇقنى خىياللاردىكى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى

2023-يىلى، لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىدا كەڭ كۆلەمدە قار ياغدى (ماتېرىيال سۈرەت).

مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ۋېيبوسى


ئىنتايىن قۇرغاق تەكلىماكان قۇملۇقىدا

قار يېغىش گەرچە ئاز ئۇچرايدىغان ھاۋا رايى ھادىسىسى بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە

1999-يىلى 11-ئايدىن 2024-يىلى 12-ئايغىچە

ئوتتۇرا تارىم مېتېئورولوگىيە پونكىتىدا كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە

قىش پەسلىدە

0.1 مىللىمېتىردىن قېلىن ياكى شۇنىڭغا تەڭ مىقداردا قار ياغقان كۈن سانى 50 كۈنگە يېتىدىكەن

1.0 مىللىمېتىردىن قېلىن قار ئېنىق ياغقان كۈن سانى 9 كۈن ئىكەن

2024-يىلى تەكلىماكان قۇملۇقىدا قار ياغدى.

مەنبە: شىنشىڭ يۇغۇرما تاراتقۇسى دوۋيىن سۇپىسى


تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ

كۆلىمى 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق

شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ

قىش پەسلىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 4 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ

كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىغا يولۇققاندا

قار يېغىشتەك ئاجايىپ مەنزىرە كۆرۈلىدۇ

2021-يىلى، لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىدا قار يېغىپ، تۇتاش كەتكەن قۇم بارخانلىرى كۈمۈش لىباس كىيدى (ماتېرىيال سۈرەت).

لى فېي فوتوسى


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى يەر شارى بويىچە سۇ ئايلىنىشنىڭ تېزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

سۇ پارى كۆپىيىپ، ھۆل-يېغىنمۇ كۆپەيدى

شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى كۈچىيىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭ بولدى

بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى قۇملۇق رايونلاردا قار يېغىشقا پايدىلىق بولۇپ

تەكلىماكان قۇملۇقىدا

قىش پەسلىدە قار يېغىش قېتىم سانى، سىجىللىقى

تەبىئىيلا كۆپەيدى


شۇنداق گۈزەل كۆرۈنۈشنى

سىز كۆرۈپ باققانمۇ؟


«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.