تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا «ئارخىپ تۇرغۇزۇپ» كاپالەتلىك قىلدى

   يېقىندا، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى لياۋنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ چاغانتوقاي ناھىيەلىك جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئورنىغا بېرىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈشنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە تەكشۈردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ياشانغان كىشىگە تەپسىلىي ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، كېيىنكى دەل جايىدا داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە قولايلىق ياراتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ كېكې، چىن خېڭفاڭ، سۈي شياۋنا

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ياشانغانلار بىلەن سەۋرچانلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سورىماقتا. 

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئورنىدىكى ياشانغانلارغا قاراتمىلىقى بار بولغان داۋالاش تەكلىپى بەرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.