تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چۇنليەن چاپلاندى پانۇس ئېسىلدى شىخودىكى يېزا-كەنتلەردە باھار بايرىمى كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى

     1-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىخو شەھىرى گەنخېزى بازىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باۋجاجاڭزا كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شىخو شەھىرى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ باھار بايرىمىلىق «بەخت يەتكۈزۈش» ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىناق، خۇشال بايرام كەيپىياتى ياراتتى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر لى رېنشى)

گەنخېزى بازىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پانۇس ئېسىشىغا ياردەملەشمەكتە.

      شىخو شەھىرى جىرگىلتى گولىن موڭغۇل يېزىسىدىكى بازاردا خېرىدارلار بايراملىق زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بازار ئايلىنىدىغان، باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋالىدىغان ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بازار قاينام-تاشقىنلىققا تولۇپ، باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق بولدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.