1-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا
1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە
ئالتاي ۋىلايىتىدە
بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدە كۈچلۈك سوغۇق ئېقىملىق ھاۋا رايى جەريانى
شۇنداقلا بۇ يىل قىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ئېقىملىق ھاۋا رايى جەريانى كۆرۈلۈپ
تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 15 سېلسىيە گىرادۇستىن 22 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن
بۇرچىن ناھىيەسى قۇم يېزىسى. مەنبە: جۇڭگو ھاۋا رايى تورى
ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دەريا ۋادىسى، تۈزلەڭلىكلەردە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا
نۆلدىن تۆۋەن 27 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ
تاغنى بويلىغان جايلاردا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 35 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ
تاغلىق رايونلاردا نۆلدىن تۆۋەن 35 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 39 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ
بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇم يېزىسىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 44 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ
كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 43 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ
1-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قاناس مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ گۇيرۈي فوتوسى
مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچقۇرۇندىن 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە
ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، شەرقىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا
6 بالدىن 7 بالغىچە قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدىكەن
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر كۆلى كۆل رايونى قاتارلىق جايلاردا
شامال كۈچى 8 بالدىن 9 بالغىچە بولىدىكەن
يەنە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قار-شىۋىرغان كۆرۈلىدىكەن
بۇنىڭ ئىچىدە، بۇرچىن ناھىيەسى قۇم يېزىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدىكەن
S232 خېيليۇتەن-قاناس يول بۆلىكى
X852 قۇم كەنتى-قۇم ئاچا يول بۆلىكىدە
كۆرۈش ئارىلىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە پايدىسىز بولىدىكەن
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى