تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى تەشۋىق قىلىندى، تونۇشتۇرۇلدى

شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى.

شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى. (1- ئاينىڭ 18- كۈنى تارتىلغان) («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ فوتوسى)

   مۇخبىرنىڭ 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى، قۇت بەلگىسى ۋە مۇسابىقە باش تېمىسىدا بىردەك ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئوبرازى تونۇشتۇرۇلغان.

   مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسىدە «ئۈرۈمچى» خېتىدىكى «乌» دېگەن خەت ئارقىلىق كۈچەپ تېيىلىۋاتقان ئىككى چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسىنىڭ قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ جانلىق ھاياتىي كۈچى ئوبرازلىق نامايان قىلىنغان، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەشتەك روھىي قىياپىتى ئىپادىلەنگەن. مۇسابىقە بەلگىسىگە كۆپ خىل رەڭ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل، قارا قاتارلىق رەڭلەر بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىگە سىمۋول قىلىنغان، شۇنداقلا بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئىتتىپاق، ئىناق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، تەرەققىي قىلىدىغان كاتتا تەنھەرىكەت يىغىنى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىلگەن.

   مۇسابىقىنىڭ قۇت بەلگىسى «قار- مۇز ئەركىسى»دە شىنجاڭدىكى تىيانشان تاغ تىزمىسى، ئالتاي تاغ تىزمىسى، كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى قاتارلىق قارلىق تاغلارنىڭ شەكلىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان، ئۇ ئۇچىسىغا قار- مۇز تەنھەرىكەت كىيىمى كىيگەن، بېشىغا قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن بېزەلگەن يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق قار- مۇز قالپىقى كىيگەن، قىزىل شارپا تاقىغان، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن، ئىككى قولىنى ئېچىپ تۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ قار- مۇز جەلپكارلىقى نامايان قىلىنغان، قىزغىن، مېھماندوست بولغان مەدەنىيەت كەيپىياتى تارقىتىلغان.

   مۇسابىقىنىڭ باش تېما شوئارى: «قار- مۇز قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاسىيا مەركىزىي شەھىرىدە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» بولۇپ، ھەم قار- مۇز تەنھەرىكىتىدىكى قايناق ھېسسىيات ۋە جەلپكارلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھەم ئۈرۈمچىنىڭ «ئاسىيا مەركىزىدىكى شەھەر» بولۇشتەك خاسلىقى ئىپادىلەنگەن. (مۇخبىر چېن يەنفاڭ، ۋاڭ چاڭتۇڭ، لى كەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.