تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

باھار بايرىمىلىق مال بازىرى ئېچىلدى

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى تەمىنات- سودا كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى باھار بايرىمىلىق مال بازىرىدا تىجارەت باشلاندى، شۇ كۈنى سائەت 10لاردا ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىنىڭ چېنىقىش مەيدانىدىكى باھار بايرىمىلىق مال بازىرى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپى سانجى ئوبلاستلىق تەمىنات- سودا كوپىراتىپى بىلەن بىرلىكتە ياسىغان ئىككى كۆرگەزمە لاپىسىغا جەمئىي 85 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە ئورۇنلىرىغا يېڭى كالا- قوي گۆشى، سۈرلەنگەن قېزا، قۇرۇتۇلغان توخۇ گۆشى، يېڭىلا ئۈزۈلگەن ساۋمېي، تۆگە سۈتى، گۈرۈچ قاتارلىق نەچچە يۈز خىل تاۋار سېلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىنتايىن مول يەرلىك باھار بايرىمىلىق مال بىلەن تەمىنلەندى.

  مۇخبىر سەنداۋبا كۆرگەزمە ئورنىنىڭ مەسئۇلى گاۋ جيەنيۇڭ بىلەن بىللە، مىدۇڭ رايونى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى ساتىدىغان ئالتۇن رەڭلىك گۈرۈچ ۋە ئۇزۇن دانلىق گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ ساتتى.

  «بۇ مەيداندا شالنى ماشىنا نەق ئاقلاپ بېرىدۇ، ئاقلانغان گۈرۈچنى، گۈرۈچ ئېلىش ئورنىدىن بىۋاسىتە ئېلىشقا بولىدۇ». كۆرگەزمە ئورنىنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئۆز مەشغۇلاتلىق ئىچىملىك ماشىنىسى چوڭلۇقىدىكى شال ئاقلاش ماشىنىسى نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى.

  شال ئاقلاش ماشىنىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ئالتۇن رەڭلىك گۈرۈچ ۋە ئۇزۇن دانلىق گۈرۈچنىڭ ئەزالىق باھاسىنىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا 7.8 يۈەن ۋە 9.8 يۈەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى تۇڭ شياۋشەن مۇنداق دېدى: «بايا ئۇزۇن دانلىق گۈرۈچتە ئېتىلگەن شوۋىگۈرۈچنى تېتىپ باقتىم، تەمى بەك ياخشى ئىكەن، ئازراق سېتىۋېلىپ ئۆيدىكىلەرگە ئالغاچ بارىمەن».

  گاۋ جيەنيۇڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا ئادەم كۆپ، چۈشتە ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىدۇ». مۇخبىر يىراققا نەزەر سېلىپ يۈز نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى باھار بايرىمىلىق مال بازىرىدىكى لاپاسلاردىن ئادەم ئايىغىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، بازارنىڭ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى، ھەممەيلەننىڭ مال قاچىلانغان چوڭ- كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆردى.

  سۈرلەنگەن قېزا ساتىدىغان كۆرگەزمە ئورنىنىڭ مەسئۇلى جاڭ رۇي مۇنداق دېدى: «سۈرلەنگەن قېزىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 110 يۈەن ئىدى، بۈگۈن ھەر كىلوگىرامىنى 90 يۈەندىن سېتىپ، ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدۇق، خېرىدار بەك كۆپ، ماللىرىمىز ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ».

  63 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ باۋخېڭ مۇنداق دېدى: بازاردا سېتىلىۋاتقان باھار بايرىمىلىق ماللارنىڭ كۆپىنچىسى ھەرقايسى تەمىنات- سودا كوپىراتىپلىرى بازارغا سالغان يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بولغاچقا، خاتىرجەم سېتىۋالىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال كەسىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ نا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەردىكى تەمىنات- سودا سىستېمىسى باھار بايرىمىلىق مال بازىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، تەمىنات- سودا كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلدى، باھار بايرىمىلىق مال بازىرى 1- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە ئېچىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، باھار بايرىمىلىق ئىستېمالغا كۈچ قوشۇلىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.