ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، «جۇڭگودىكى شامال جىلغىسى» دەپ نام ئالغان داۋانچىڭدىن ئۆتكەندە، ئاق رەڭلىك «غايەت زور چاقپەلەك»لەرنىڭ شامالغا ئەگىشىپ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ مىدۇڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەندە، يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرىدىن ھاسىل بولغان «كۆپكۆك دېڭىز»نىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ...
ئۈرۈمچى «جەنۇبتا شامال، شىمالدا يورۇقلۇق» بولۇشتەك بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، يورۇقلۇق ۋولت بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ھەم يېشىل توك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يورۇقلۇق ۋولتنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى ۋە يېشىل توك ئىستېمالىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشماقتا.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى جەمئىي 104 مىليون 800 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، غەربىي قىسىم رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى تۇنجى بولۇپ 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 10 مىليون كىلوۋاتلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
داۋانچىڭ رايونى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىسى ۋە شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ تۈرىنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يەردىكى نەچچە مىڭ «چاقپەلەك» شامالدا ئايلىنىپ، بۇ رايوننى پۈتۈنلەي يېشىل توك بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
مۇخبىرنىڭ داۋانچىڭ رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە داۋانچىڭ رايونىدا قۇرۇلغان شامال ئېلېكتىر تۈرى 48گە، شامال ئېلېكتىر كارخانىسى 26گە، تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىش باشلانغان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 4 مىليون 866 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن. يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ئىككى بولۇپ، تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىش باشلانغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 700 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن.
داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى جاۋ كەي مۇنداق دېدى: «2025- يىلى داۋانچىڭ رايونى شىنجاڭنىڭ <ئون چوڭ كەسىپ توپى> ۋە ئۈرۈمچىنىڭ <2+5> زامانىۋى سانائەت سىستېمىسىغا پائال سىڭىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت، تەبىئىي گاز، قېزىلما بايلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى زىچ چۆرىدەپ، داۋانچىڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى سانائەت كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىدۇ».
مىدۇڭ رايونى بېيشاۋودىكى مول قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا تايىنىپ، مىدۇڭ رايونى يورۇقلۇق ۋولت پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، مىدۇڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2025- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 20GWغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ رايون يەنە يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىپ، يېشىل ھىدروگېن كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ بويىچە يېشىل ھىدروگېن، يېشىل ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە بازىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە لىتىي، كىرېمنىي، ئاليۇمىن ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى لياڭ جېن مۇنداق دېدى: «بىز مىدۇڭ رايونى يېشىل ئېلېكتىر كەسىپلەر باغچىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشىنى چۆرىدەپ، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ خوت يۆتكەپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىدىن پائال ياخشى پايدىلىنىپ، بازارنىڭ تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز». (مۇخبىر جيا مېڭيەن، شى چۇەنجى خەۋىرى)