تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ناخشا «بالوۋ» رەسمىي ئېلان قىلىندى

  شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ناخشا ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى

  داۋلاڭ «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» ناملىق ناخشىسىدا ئېيتقان «بالوۋدا توختايدىغان 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى» دېگەن مىسرالار «بالوۋ» ۋە 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنى كىشىلەرگە تونۇتتى. 1- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە شىنجاڭ كوئېنلۇن مېھمانخانىسى بىلەن شىنجاڭ چۇەنچېڭ سىلۇ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئىجادىي ناخشا «بالوۋ» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ناخشا ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  ناخشىنىڭ MVسى «بالوۋ» خىزمەتچىسىنىڭ بايانى بىلەن باشلاندى: «نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن بالوۋ 2002- يىلىدىكى تۇنجى قار، 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، شۇنداقلا نەچچە ئەۋلاد شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەسلىمىسى...».

  شىنجاڭ كوئېنلۇن مېھمانخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما تىڭشياۋ مۇنداق دېدى: «ناخشىدا يېڭى تۈسكە كىرگەن <بالوۋ باش تېمىسىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى> مۇقەددىمە قىلىنىپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ <بالوۋ>دا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ئارزۇغا ئىنتىلىش ھېكايىسى بايان قىلىندى. پېشقەدەملەرنىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ نەتىجە ياراتقانلىقىدىن تارتىپ تايانچ كۈچلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىغىچە، يەنە يېڭى ئەۋلادلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغىچە بولغان ھېكايىلەر بايان قىلىندى».

  شىنجاڭ كوئېنلۇن مېھمانخانىسى 1959- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 65 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ تارىخىي، سىياسىي خاراكتېرلىك يەر بەلگىسى ئىمارىتىگە ئايلاندى، بولۇپمۇ 2009- يىلى سېلىنغان جەنۇبىي بىنا بىلەن شىمالىي بىنا ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  ما تىڭشياۋ مۇنداق دېدى: «<بالوۋ>نىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، كوئېنلۇن مېھمانخانىسىدىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇش ھېكايىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلدۇق».

  ۋاڭ جياڭجياڭ تەكلىپ بىلەن بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئىجاد قىلدى، ئىجادىيەتتىن بۇرۇن نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ، «بالوۋ»دىكى تارىخىي ھېكايىلەردىن ئىلھام ئىزدىدى.ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن <بالوۋ>نىڭ لايىھەلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان سۈن گوچېڭ، بۇ ئىمارەت سېلىنغان يىلى خىزمەتكە كىرگەن لى گويى، 1984- يىلى خىزمەتكە كىرگەن ۋاڭ ۋۇپىڭ ۋە دولقۇن مەمەت قاتارلىق ئىلگىرى <بالوۋ>دا خىزمەت قىلغان بىر قىسىم پېشقەدەم ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ سۆھبەتلەشتىم، ئۇلارنىڭ بايانىدا بۇ پەقەت سەككىز قەۋەتلىك ئىمارەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر مۇجەسسەملەنگەن جاي ئىدى. مەن بۇ ناخشا ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە <بالوۋ>نى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى <بالوۋ>دىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش، شىنجاڭغا كېلىش، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش، شىنجاڭدا قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن». (مۇخبىر گەي يۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.