«تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش»... 1- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ جىنپەيلىئېر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ما شىنيەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»ىدا تىلغا ئېلىنغان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇن ئۈستىدە ئىزچىل ئويلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ سالمىقى بولۇش، مېخانىزم ئورنىتىشتا سۈرئەت بولۇش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتە ھارارەت بولۇش ئۈرۈمچىدىكى كارخانىچىلارنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدۇردى.
ما شىنيەن يەرلىك خاسلىققا ئىگە يېمەكلىك كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا مىدۇڭ رايونى يېمەك- ئىچمەك كەسپى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ ھەر يىلى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش سىياسىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ھەمدە «ئىككى يىغىن»دا پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.
ئۆتكەن بىر يىلدا ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە مىدۇڭ رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىدا شىنجاڭنىڭ پىشۇرۇق كەسپىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان شىنجاڭ جىنپەيلىئېر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ليېبا، زۇڭزا، يۆبىڭ، مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە پېچىنە- پىرەنىك قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى تيەنماۋ، جىڭدۇڭ، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا سېتىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى ھەمدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭنىڭ «كونا داڭلىق ماركىسى»، شىنجاڭنىڭ «داڭلىق ماركىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى، ئۇ بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى قوللاش مەقسىتىدە كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى كۆردى.
ما شىنيەن مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بازارلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىنپەيلىئېر ليېباسىنىڭ مىدۇڭ رايونى دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى نامىغا ئېرىشكەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، ليېبانى كوزىر مەھسۇلات قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى خام ماتېرىيال قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ پىشۇرۇق مەھسۇلاتىنى داۋاملىق بازارغا سېلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يەرلىك خاسلىققا ئىگە يېمەكلىكلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە، پۈتۈن دۇنياغا تونۇتىمىز. (مۇخبىر ۋاڭ لىنا)