باھار بايرىمىنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى، باھار بايرىمى كەيپىياتىمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشتى. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگوۋ بازىرى تيەنشيا پۇقرالار بازىرىدىن ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمىدى، يېزا-كەنتلەردە باھار بايرىمىلىق ماللار بازىرى قىزغىن ئېچىلدى. قەنت-گېزەك، پېچىنە-پىرەنىك، چۇنليەن، دېرىزە قىيىق گۈللىرى، گۆش، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، پوسما قاتارلىقلارنى ساتىدىغان يايما ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدا خېرىدار چاقىرىۋاتقان، باھا تالىشىۋاتقان ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شادىيانە داقا-دۇمباق ساداسىغا ئەگىشىپ، خەلق ئىچى كوچا ئويۇنى ئەترىتى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالىدىغان قويۇق كەيپىياتنى ياراتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو جۈنگې، چېن يەن)
خېرىدارلار بايراملىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاللاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتمەكتە.
خەلق ئىچى كوچا ئويۇنى ئەترىتى يېزا-كەنتلەردىكى باھار بايرىمىلىق ماللار بازىرىدا ياڭگېر ئوينىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى