يېقىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، سانجى ئوبلاستىنىڭ 2025-يىلىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون ئەمەلىي ئىشىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ، «ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك 2-يولىدا قاتناش باشلاشنى پىلانلاش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولى ئۈرۈمچى شەھىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى ۋە سانجى شەھىرى ئارىسىدىكى مۇھىم تاشيول بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن باشلىنىپ، بىڭتۇەن 12-شىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتىسى سانجى شەھىرىنىڭ تۇدۇڭخابا دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە ئاخىرلىشىدۇ، 2009-يىلى 9-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 14.36 كىلومېتىر.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى