قۇۋانىشبېك سىلامبېك تېرە چاڭغا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان تاختىنى سىلىقلىماقتا.
ئالتاي شەھىرى لاستى يېزىسى لاستى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سىلامبېك ساقىش قەدىمىي تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇپ، 50 نەچچە يىللىق تېرە چاڭغا ياساش تەجرىبىسىگە ئىگە.
سىلامبېكنىڭ ئوغلى قۇۋانىشبېك سىلامبېك كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ تەربىيەلىشىدە بۇ ھۈنەرگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان.
14 يېشىدىن باشلاپ، ئۇ دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، تېرە چاڭغا ياساش جەريانىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەنىدى.
ھازىر قۇۋانىشبېكمۇ تېرە چاڭغا ياسىيالايدىغان بىر تۈركۈم ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
سىلامبېك ساقىش بىلەن ئوغلى قۇۋانىشبېك سىلامبېك تېرە چاڭغا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان مويلۇق تېرىنى تاللىماقتا.
سىلامبېك ساقىش تاختاي كېسىپ، تېرە چاڭغا ياسىماقتا.
قەدىمىي تېرە چاڭغا ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشىدىكى «تىرىك تاشقاتما» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ قوللىشىدا، سىلامبېك لاستى كەنتىدە «قەدىمىي تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرى»نى ئۆگىتىش بازىسى قۇردى، بۇ سۇپا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەدىمىي تېرە چاڭغىنى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
سىلامبېك ساقىش ئوغلى قۇۋانىشبېك سىلامبېككە تېرە تاللاش ماھارىتىنى ئۆگەتمەكتە.
2023-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇۋانىشبېك سىلامبېك (ئوڭدا) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تېرە چاڭغا ياسىماقتا.
2023-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇۋانىشبېك سىلامبېك (ئوڭدىن 1-كىشى) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تېرە چاڭغا ياسىماقتا.
2023-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇۋانىشبېك سىلامبېك تېرە چاڭغىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
قۇۋانىشبېك سىلامبېك تاختاي كېسىپ، تېرە چاڭغا ياساشقا تەييارلىق قىلماقتا.
ياسىلىپ بولغان تېرە چاڭغا.
«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى