تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈچ كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى!

   ھەممە ئائىلە خاتىرجەم ھالدا بۇلۇت تېرمىنالىدا جەم بولۇش. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ ئالاقە تورى ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2025-يىللىق شىنجاڭ ئائىلە توردىكى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 20:30دا ئۈرۈمچى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    شۇ ۋاقىتتا، «ۋاڭشىن شىنجاڭ» «شىنجاڭ ياخشى جاي» «شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى» «شىنجاڭ ئاياللار ئاۋازى» ۋە «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» قاتارلىق سۇپىلار، «ئانار بۇلۇت» «يىپەك يولى ئۈن-سىنى» قاتارلىق ئابۇنىچىلار تېرمىناللىرى، تىيانشان تورى، شىنجاڭ ئاخبارات تورى، بىڭتۇەن ئاخبارات تورى، شىنجاڭ تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرى، شۇنداقلا نەق مەيداندىكى تور دارىنلىرى ۋىيبو، دوۋيىن، كۇەيشوۋ، ۋىيشىن سىن نومۇرى، بىلى بىلى، شياۋخۇڭشۇ، بۈگۈنكى باش خەۋەر، بەيدۇ بەيجيا نومۇرى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ، كۆرۈشۈڭلارنى قارشى ئالىمىز.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.