تىيانشان تورى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ بۇ يىل بېكىتىلگەن تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلىش، يار-يۆلەك بولۇش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ياشانغانلارنى ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈش مۇلازىمىتى، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قانۇن ياردىمى بېرىش، رەقەم ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، شەھەر-يېزىلاردىكى كونا ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، خەلققە پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا مايىللىشىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ جازالاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ خەلققە ئادىل، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى كۈنسېرى ئۆستۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىشى كېرەك!
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى