تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ تىرامپنىڭ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز، ھەممىمىز جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ياخشى باشلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى ئۇلۇغ دۆلەت ئۆز ئارزۇسىغا ئىنتىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ بېغىشلىماقتا. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار، ھەمراھلاردىن ۋە دوستلاردىن بولالايدۇ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزەلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا ئارىسىدا بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بولۇشىدىن ساقلىنىش تەس، ئاچقۇچ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشتا. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكا تەرەپنىڭ چوقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، قارشىلىشىش، توقۇنۇش بىزنىڭ تاللىشىمىز بولماسلىقى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى غايەت زور پاراخوتنى مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات لىنىيەسىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

تىرامپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، شى جۇشى بىلەن بولغان ئۇلۇغ مۇناسىۋەتنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاشنى ئۈمىد قىلدى، شى جۇشى بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلدى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەر، ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقنى ساقلاپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە يولىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەر توغرىسىدا دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.