تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىككى يىغىن تېز خەۋىرى | 2024-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر 189 مەيدان كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

     مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 -يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

    تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

    دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، «رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا» كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىدا يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر ئۆي-زېمىن خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ، 189 مەيدان كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كېڭىشىش نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا سىجىل ئەگىشىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.