مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 237 مىليون توننىغا يېتىپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %10.6 ئاشقان.
2024 ـ يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىز قاتناش، يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ تونناژىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۆمۈريولنىڭ توشۇشنى تەشكىللەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.