تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024 - يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى 2023 - يىلىدىكىدىن %30.7 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 - يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى 116 مىليارد 160 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %30.7 ئاشقان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى ھەم ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئاشقان. يېڭى ئېنېرگىيە شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ توك مەنبەسى ۋە توك چىقىرىش مىقدارىدا كۆپەيگەن مىقدارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ قالغان.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك چىقىرىلغان 116 مىليارد 160 مىليون كىلوۋات سائەت توك مىقدارى ئىچىدە، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك 40 مىليارد 770 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %65.7 ئاشتى؛ شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك 75 مىليارد 390 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %17.3 ئاشتى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇملۇق، چۆل - جەزىرە، قاقاس رايونلاردا چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرلىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەركەزلىك ھالدا قومۇل، شەرقىي جۇڭغار، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئەتراپىدىن ئىبارەت ئۈچ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ۋە ئون نەچچە 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، 2024 - يىلى شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2021 - يىلىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدىن 40 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىدە تارىخىي بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە غەربىي شىمال رايونىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالدى.

يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر تورىنىڭ يادرولۇق تايانچ تور رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 31نى قۇرۇپ، بېسىم ئۆزگەرتىش سىغىمىنى 93 مىليون 500 مىڭ كىلوۋولت ئامپېرغا، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى 94كە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى 12 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يەتكۈزدى. شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى مەملىكەت بويىچە 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى ئەڭ كۆپ، 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ كېچە - كۈندۈز، پەسىل ئالماشقاندا شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.