تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تەقەززامىز! شىنجاڭدىكى بىر مەنزىرە رايونى ساياھەت پاراخوتى تۈرىنى ئىمزالىدى

   1-ئاينىڭ 11-كۈنى، باغراش كۆلى پوچتا پاراخوتى تۈرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا ئىمزالاندى، بۇ باغراش كۆلىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سۇ ئۈستى ساياھىتى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كۈتۈۋېلىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا يېپيېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

مەنبە: باغراش كۆلى نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى.

   باغراش كۆلى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول تەبىئىي مەنزىرە ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا، ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئىمزالانغان ساياھەت پاراخوتى تۈرىدە ئاشخانا، ياتاق، كىنو-تىياتىرخانا، مەنزىرە كۆرۈش رايونى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش مەركىزى، ھاراق كارىدورى، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى بەرپا قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. 

باغراش كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر.

سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى تەمىنلىگەن

   ئىگىلىنىشىچە، ساياھەت پاراخوتىنى لايىھىلەشتە زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن رايون مەدەنىيەت خاسلىقى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپلا قالماي، يەنە مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە باغراش كۆلىنىڭ گۈزەل كۆل مەنزىرىسىنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلدۇرىدىكەن. كۆلدىكى قاتناش لىنىيەسى پىلانى باغراش كۆلىدىكى نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر پوچتا پاراخوتىدا بىر بېكەت شەكلىدە چوڭقۇر ساياھەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 

   «بۇ قېتىمقى ساياھەت پاراخوتى تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى باغراش كۆلى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە.» شىنجاڭ باغراش كۆلى ساياھەت چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ چىكەي مۇنداق بىلدۈردى: «ئۇ مەنزىرە رايونىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، باغراش كۆلىنىڭ ساياھەت ماركىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلىدۇ».

مەنبە: باغراش نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.