تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلبىمگە ئاممىنى پۈكۈپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن

ئارافات ئەخەت:

قەلبىمگە ئاممىنى پۈكۈپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

ئارافات ئەخەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، ئىزچىل قەلبىگە ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى پۈكۈپ كەلدى. نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇ توپلىغان مەسىلىلەرنى رەتلەش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىغان تەكلىپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

26 ياشلىق ئارافات ئەخەت ئاقسۇ ۋىلايىتى جىنلۇڭ ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى بولۇپ، سەككىز شۆبە شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ دائىم ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكىنى چۆرىدەپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۈندىلىك زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن باشقا، ئۇ ھەر ئايدا يەنە ئىككى قېتىم كۇرسانتلارنى كۈتۈۋېلىش كۈنى تەسىس قىلىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەردىن ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مەخسۇس ئىگىلىدى.

بۇ يىل، ئارافات ئەخەت ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توكلىغۇچ ئۈسكۈنىسى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» ۋە «توكلۇق ۋېلىسپىت باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»تىن ئىبارەت ئىككى تەكلىپنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

«ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەممىسى شوپۇرلارنى تەربىيەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مېنىڭچە بىخەتەرلىك ئەڭ مۇھىم، شۇڭا بۇ ئىككى يىلدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بىخەتەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى.» ئارافات ئەخەت مۇنداق دېدى: مەن يازغان تەكلىپلىرىمدە مەزمۇننى قوللاش ئۈچۈن بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپرەك كىرگۈزدۈم، بۇ بىرنەچچە كۈندە ئولتۇراق رايوننى داۋاملىق زىيارەت قىلغاندىن باشقا، يەنە ئالاقىدار تارماقلارنى زىيارەت قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.

«خەلققە ۋەكىل بولۇپ سۆزلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.» ئارافات ئەخەت مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركەت ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۇرغۇن شان ـ شەرەپكە ئېرىشتى، شىركەت تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، ئارافات ئەخەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا بولغان قەتئىيلىكى، قىزغىنلىقى شۇ جايدا تىللاردا داستان بولۇپ كەڭ تارقالدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئۇلارنىڭ شىركىتى شوپۇرلارنى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەردى، ئىش ئورنى ساياھەت، تىرانسپورت، يولۇچى توشۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە تارقالدى.

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە مەكتەپ تەربىيەسىدە، ئارافات ئەخەتنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىنلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى تېرىلىپ، شىركەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىلەن قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەتتىن بولغان 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ داشۆ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«مېنىڭچە مېھىر ـ شەپقەت، خەيرىيەت ئەنئەنىسىگە ئائىلىدە ۋارىسلىق قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنى كارخانا مەدەنىيىتىدە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەربىر قېتىملىق خەيرىيەت ئىشلىرى جەمئىيەتتە مېھىر ـ مۇھەببەت دولقۇنىنى مەۋج ئۇرغۇزىدۇ.» ئارافات ئەخەت مۇنداق دېدى: ئوخشاشلا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشنى قەلبىمگە پۈكۈپ، تەۋەلىكىمىزدىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى كۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاھالىنى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.