مەنبە: خەلق گېزىتى تېرمىنالى يۈننەن قانىلى
گەرچە زىمىستان قىش مەزگىلى بولسىمۇ، ھال رەڭ ئېچىلغان ياۋا گىلاس چېچەكلىرى يۈننەن دېخۇڭ دەيزۇ-جىڭپوزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىرىنى باھار تۈسىگە كىرگۈزگەنىدى.
تاغ-دالىنى قاپلىغان ھال رەڭ گۈللەر خۇددى گۈزەل شەپەققە ئوخشاش زېمىننى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە قىزغۇچ سېرىق قورساق قۇشقاچ، يوللۇق دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك تۇتىدىغان قۇش قاتارلىق گۈل شىرنىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىشقا ئامراق قۇشلارنىڭ تەبىئىي ئاشخانىسىغا ئايلاندى.
ئۇلار شاخلار ئارىسىدا خۇشال سەكرىشىپ، بەخىرامان ئوزۇق ئىزدەپ، تەبىئەتنىڭ سوۋغىتىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىپ، ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى.
(جۇ بيەنيۇڭ، چيەن مىڭفۇ)