تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 48 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

​2023 - يىلىدىكىدىن %18.4 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2024 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تىجارەتكە كىرىشكەن قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەمئىي 547 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا ۋە رايون يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 28ى بار. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 27 تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى تاماملىغان يولۇچى توشۇش مىقدارى 48 مىليون 485 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 302 مىڭ توننا، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇش قېتىم سانى 563 مىڭ ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %18.4، %47.5، %14.7 ئېشىپ، بىر كۈنلۈك ۋە پۈتۈن يىللىق توشۇش مىقدارىدا بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

2024 - يىلى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 27 مىليون 765 مىڭ 700 ئادەم قېتىم، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 235 مىڭ 900 توننا بولۇپ، 188 مىڭ 700 ئايروپىلان قېتىمنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10.7، %52.1، %6.8 ئاشتى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، جەمئىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن قەرەللىك يولۇچى، يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 240نى ئاچتى. بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 26 بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا تۇتىشىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدىكى قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 207 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرنى قاپلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى پائال كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قەرەللىك يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن يەتتىنى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

2024 - يىلى، شىنجاڭ سىرتىدىكى 71 شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 21 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا ئايروپىلان قاتنىدى، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بېيجىڭ، چېڭدۇ، شاڭخەي، شىئەن، جېڭجوۋ، قەشقەر، خوتەن، غۇلجا، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلارنىڭ يولۇچى مىقدارى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ %46.8ىنى ئىگىلىدى. خەلقئارا جەھەتتە، ئۈرۈمچى بىلەن ئايروپىلان قاتنىغان شەھەر 22گە يېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى يولۇچىلار ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلىدى.

يولۇچى توشۇش مىقدارى سىجىل ئېشىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 235 مىڭ 900 توننا ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدىكى يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى 195 مىڭ 700 توننا، خەلقئارا يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى 40 مىڭ 200 توننا بولۇپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %32، %486.8 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.