ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، كورلا شەھەرلىك يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، 2025-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئىجادىيەتچىلەر بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ۋاڭخۇڭ دارېن نەشپۈت شەھىرىگە جەم بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ، يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆز تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان دىققەت-ئېتىبارى بارغانسېرى كۈچەيدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆز تاراتقۇ ۋاڭخۇڭ دارېنلىرى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ-ئادىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، بۇ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشتە ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردىكى 10دىن ئارتۇق ۋاڭخۇڭ دارېن بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى كېڭەيتىپ، تەشۋىق قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى توردا بىۋاستە ساتقان.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتى مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ ئۇلارنى تەقدىرلىدى ھەم «ھەيۋەتلىك، گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستىنى تەۋسىيە قىلغۇچى» تەكلىپ قىلدى، ۋاڭخۇڭ دارېنلار، شۇنداقلا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى مۇكاپاتلىق چەك تارتىش ئويۇن پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، يەنە ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن، خۇشال بولدى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى تيەن رۇي مۇنداق دېدى: «2025-يىلى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتى مەۋقەنى داۋاملىق بايىنغولىن ئوبلاستىغا قويۇپ، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ كۈچلۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق ساھە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ».
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، كورلا شەھەرلىك يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە، 2025-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئىجادىيەتچىلەر بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى، نۇرغۇن ۋاڭخۇڭ دارېن نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسەتتى.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەرلىك خەتتات، رەسساملار پائالىيەت نەق مەيدانىدا ھۆسنخەت ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ نامايان قىلدى.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2025-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئىجادىيەتچىلەر بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى نەق مەيدانىدا ۋاڭخۇڭ دارېن، كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن بازىرىدىكى «نەسىردىن ئەپەندى»نىڭ ۋاكالەتچىسى مەمەت ھۈسەن ياخشى كۆرىدىغان ئېشىكىنى يېتىلەپ سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنلىدى.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ۋاڭخۇڭ دارېن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تورداشلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتى «ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستىنى تەۋسىيە قىلغۇچى» تەكلىپ قىلدى.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئۆز تاراتقۇلار جەمئىيىتى مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتچىلەرنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى