2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 10-كۈنى، سودىگەر باھار بايرىمىلىق بېزەك بۇيۇملارنى ئاسماقتا. شۇ كۈنى، 2025-يىللىق (17-نۆۋەتلىك) شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق ماللار يەرمەنكىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە «باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىپ باھار بايرىمىلىق كەيپىياتقا چۆمۈش جەم بولۇشتىن بەھرىمەن بولۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنىپ، باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋالىدىغان ئامما ئۈچۈن تۈرى تولۇق بولغان داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك، ئالاھىدە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى تەييارلىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى