تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى

    مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قومۇل يۈشەن شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئوڭۇشلۇق تورلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 100 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ %55ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى 1 - چوڭ ئېلېكتىر مەنبەسىگە ئايلانغان. 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ يىل ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 35 مىليون 570 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.