تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

تېز قاراڭ قاراقاشتىكى ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىگە يەنە يېڭى مېۋە قوشۇلدى

مەنبە: قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   1 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدىكى پارنىكلاردا، بۇلتۇر 4 ـ ئايدا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان فەنمۇگۇالارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىپ، ياپيېشىل مېۋىلەر شاخلىرىغا لىققىدە ئېسىلغانىدى. تېخنىكلار فەنمۇگۇالارنىڭ تۈپىگە سۇلياۋ ئوراپ ئۇلارنى توڭلاشتىن ساقلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. فەنمۇگۇا ئىسسىق بەلباغ مېۋىسىگە تەۋە، يۇمشاق، شىرنىلىك، تەملىك، تەركىبىدە مۇگۇا ئېنزىمى مول. 2021 ـ يىلى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنت بويىچە 122 پارنىك قۇرۇلۇپ، «كارخانىلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقا كىرگۈزۈش + ئامما ئۆز ئالدىغا تېرىش + ئارقا تىرەك ئورۇنلار تۈرنى قوللاش»تەك ھەمكارلىشىپ كۈچەش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، فەنمۇگۇا، خولوڭگو، بولو، فېڭلى، شياڭجاۋ، كۆك چىلان قاتارلىق خاس مېۋىلەر ئۆستۈرۈلۈپ، تېرىقچىلىق كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.