تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇ سۈت تۆگىسى بېقىپ، 650 مىڭ يۈەن «سەمىمىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

1 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تۆگە باققۇچى چارۋىچىلار ۋەكىللىرى يىغىنى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئېچىلدى. بۇ كۈنى، 800دىن ئارتۇق تۆگە باققۇچى چارۋىچىلار ۋەكىلى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار بايراملىق ئېسىل كىيىملىرىنى كىيگەن بولۇپ، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. بۇ كۈن، تۆگە باققۇچى چارۋىچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بايرام كۈنى ئىدى.

«سۈپەت مۇكاپاتى» «سەمىمىيەت مۇكاپاتى» «مۇنەۋۋەر سۈت پونكىتى» «مۇنەۋۋەر سۈت يىغقۇچى مۇكاپاتى»... يىغىندا، ھەربىر ئاددىي ـ ساددا، ئاممىغا يېقىن مۇكاپات تۈرلىرى تۆگە باققۇچى چارۋىچىلارنىڭ بىر يىللىق جاپالىق ئەجرىگە بېرىلگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولدى.

بۇ كۈنى، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيوپەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋاڭيۈەن گۇرۇھى» دېيىلدى) جەمئىي 31 مىليون 480 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، يىغىن نەق مەيدانىدا 100 نەپەر تۆگە باققۇچى چارۋىچىلار ۋەكىلىگە 15 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىلدى.

70 مىڭ يۈەن، 120 مىڭ يۈەن، 200 مىڭ يۈەن... مۇكاپات سوممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نەق مەيدان كەيپىياتى ئارقا ـ ئارقىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

«650 مىڭ يۈەن»، رىياسەتچى «سەمىمىيەت مۇكاپاتى»نىڭ سوممىسىنى ئوقۇغاندا، نەق مەيدان قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ئۇمۇربېك مۇسىرقان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇراتتى، ئۇ ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم، بېشىغا قىزىل رەڭلىك كىگىز قالپاق كىيىۋالغانىدى. مېدالنى قولىغا ئالغان ئاشۇ دەقىقىدە، بۇ ياش ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىدى. ئۇ مېدالنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈردى.

بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن ئۇمۇربېك بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراماغاي بازىرى ئويقورا كەنتىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي جۇڭغار قوش لوككىلىق تۆگىسى كۆپىيىپ ياشايدىغان شادلىق باغچىسى ئىدى.

ئۇمۇربېك مۇنداق دېدى: «مەن چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭ بولغان، ئائىلىمىزدە ئەسلىدىلا تۆگە باقاتتۇق.» 2015 ـ يىلى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن چارۋىچىنىڭ تۆگە بېقىپ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇمۇربېك ناھايىتى مۇھىم بىر قارار چىقاردى − ئائىلىسىدىكى بارلىق قوي ـ كالىلارنى سېتىپ، 12 سۈت تۆگىسى كىرگۈزۈپ، تۆگە بېقىش ھاياتىنى باشلىدى.

«شۇ چاغدا، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى كۆپ مىقداردا يېڭى تۆگە سۈتى سېتىۋالاتتى، گۇرۇھ بىلەن كېلىشىم ئىمزالىسىلا، ئۇلار ھەر كۈنى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ يېڭى تۆگە سۈتى سېتىۋېلىپ، نەق مەيداندا سۈت پۇلىنى بېرەتتى.» ئۇمۇربېك ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇنىڭ بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى بىلەن رەسمىي ھەمكارلاشتى.

«ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن، مەن گۇرۇھ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدىم، مەن ئەلا سۈپەتلىك تۆگە سۈتى بىلەن تەمىنلەيمەن، گۇرۇھ سۈت پۇلىنى بىر پۇڭمۇ نېسى قالدۇرمايدۇ.» ئۇمۇربېك مۇنداق دېدى: «بارماق باسقاندا، مەن ھەم ھاياجانلاندىم، ھەم ئەنسىرىدىم».

كېلىشىم ئىمزالاپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ ئۇمۇربېكنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ياخشى ئىشلەڭ!» دېدى.

تۆگە سۈتى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر يىلى 3 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10 ـ ئايغىچە، ئۇمۇربېك ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاتقا مىنىپ، تۆگىلەرنى ھەيدەپ، ئۆيىدىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تەبىئىي يايلاققا كېلىپ، بوران چىقسىمۇ، يامغۇر ياغسىمۇ، تۆگىلىرى بىلەن بىللە چۆلدە ياشىدى. ياز پەسلىدىكى سۈت سېغىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، ئۇ ئادەتتە سەھەر سائەت 5تە ئورنىدىن تۇرۇپ، سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تۈگە ساغاتتى، سائەت 9دىن بۇرۇن ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ سۈت يىغقۇچىسىنىڭ كېلىپ سۈت يىغىشىنى كۈتۈۋالاتتى. كەچتە ھېرىپ قالسا، ئۆزى ئېلىۋالغان چېدىردا ئۇخلايتتى.

دالىدا يېتىپ ـ قوپۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۇمۇربېك 2015 ـ يىلىلا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سۈت پۇلىغا ئېرىشتى. 2018 ـ يىلى، ئۇ ۋاڭيۈەن گۇرۇھىدىن 1 مىليون يۈەن تۆگە سېتىۋېلىش بويىچە يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، 60 سۈت تۆگىسى سېتىۋالدى. ياز پەسلىدە كۈنىگە ئۈچ قېتىم ساغدى، كۈندىلىك سۈت مىقدارى 150 كىلوگىرامدىن 160 كىلوگىرامغىچە بولدى، قىش پەسلىدە كۈنىگە ئىككى قېتىم ساغدى، ئەڭ ئاز بولغاندا 60 كىلوگىرامدىن ئاشتى، يىللىق كىرىمى ئېشىپ 1 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولدى. ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

2019 ـ يىلى، تۆگە سۈتى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان بىر يىل بولۇپ، بىردىنلا نۇرغۇن تۆگە سۈتى كارخانىسى بارلىققا كەلدى. ئەينى چاغدا بەزى چارۋىچىلارغا بۇ تۆگە سۈتى كارخانىلىرى قويغان يۇقىرى باھا تەسىر قىلدى.

«يەنە بەزىلەر ماڭا باھا شۇنچە يۇقىرى تۇرسا، پۇل تاپقىلى بولسىلا كىمگە ساتسا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ دەپ نەسىھەت قىلدى، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. مەن بۇ كارخانىلار قويغان يۇقىرى باھادىن تەۋرىنىپ قالمىدىم، يەنىلا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى بىلەن سەمىمىي ھەمكارلاشتىم» دېدى ئۇمۇربېك.

ۋاڭيۈەن گۇرۇھى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بارلىق چارۋىچىلارنى ئۇمۇربېكتىن ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى بار چارۋىچىلارنى يەنە بىر قېتىم 1 مىليون يۈەن تۆگە سېتىۋېلىش مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى. 2022 ـ يىلى، ئۇمۇربېك ئائىلىسىدە بېقىلىۋاتقان تۆگە سانى 300دىن ئاشتى. ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدە، ئۇمۇ تۆگە باقمىچىلىقى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇردى.

«2023 ـ يىلى، مەن ئىككى يۈرۈش بىنا ئۆي، ئىككى دۇكان، تۆت ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى ئۇمۇربېك.

«ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىدا، چارۋىچىلار باشتىن ـ ئاخىر مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى، كارخانا بىلەن چارۋىچىلار ئارىسىدىكى سەمىمىي ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم.» چېن گاڭلياڭ مۇنداق دېدى: «بىز سەمىمىي باقمىچىلارنى نۇرغۇن پۇل بىلەن مۇكاپاتلايمىز، سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ قىممىتى بار».

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى ھەر يىلى 10 مىليون يۈەن مۇكاپات پۇلى ئاجرىتىپ، زاكازنى ئورۇندىغان چارۋىچىلارنى مۇكاپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر يىلى مۇنەۋۋەر تۆگە باققۇچى چارۋىچىلار ۋەكىللىرىنى تاللاپ بېيجىڭ، شىئەن، جۇخەي قاتارلىق جايلارغا تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى.

2019 ـ يىلى، ئۇمۇربېك تۇنجى قېتىم سەپەرگە چىقتى.

«بېيجىڭ، جېجياڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا باردىم، ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئايروپىلان، پويىز، مېتروغا شۇ قېتىم بارغاندا ئولتۇردۇم، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمگە: تۆگىلەرنى ياخشى بېقىپ، تېخىمۇ كۆپ جايغا بېرىشقا تىرىشىمەن، دېگەنىدىم» دېدى ئۇمۇربېك.

ھازىر، ئۇمۇربېك بېقىۋاتقان تۆگىلەرنىڭ سانى 500گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سۈت تۆگىسى 140 بولۇپ، يىللىق تۆگە سۈتى مەھسۇلات مىقدارى 125 توننىغا يېتىپ، كىرىمى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. تۆگە بېقىش كۆلىمى كېڭەيدى، تۆگە بېقىش، سېغىش جەريانىدا، ئۇ يەنىلا گۇرۇھنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمى ھەم تازىلىق تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى.

«مەن تۆگە سانىنى 1000دىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدىم!» يېڭى يىللىق نىشان ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇمۇربېك ئىشەنچكە تولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەشكە تەييارلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.