تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كەنتتىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا «ئاقىل كۆكتات» ئۆستۈرۈلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«بىز ئۆستۈرگەن كۆكتاتلار ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، تاللا بازارلىرىدا ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، مېھمانساراي، خوگوخانىلارمۇ بەس ـ بەستە سېتىۋېلىۋاتىدۇ» دېدى 2024 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى يۇڭكۇ تۇڭشىن كەنتىگە جايلاشقان «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى» رەقەملەشكەن يېزا ئىگىلىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە سۇدا يېتىشتۈرۈلگەن پالەك يىغىۋاتقان ئىشچى ئەلى كېرەم.

ئەلى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا يار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، 2024 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ باشلىرىدا، يېقىن ئەتراپتىكى يۇڭكۇ تۇڭشىن كەنتىدە قۇرۇلغان «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى» رەقەملەشكەن يېزا ئىگىلىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىنىڭ پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىلگىرى ئائىلىسىدە يەر تېرىغان ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەشكە تىزىملاتتى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ يەردە ئىشلىگەنلەرنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىلگىرى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ۋە سۇ بىلەن ئۇچراشتى، بۇ يەردە دېھقانچىلىق دورىسى، ئېغىر مېتال، ھورمون بولمىغان يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ئۆستۈرۈلەتتى.

«قىسقىغىنا 25 كۈندە، مەن ئۇستامغا ئەگىشىپ تۇنجى تۈركۈمدىكى يوپۇرماقلىق كۆكتاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى ناھايىتى قالتىس ھېس قىلدىم. چۈنكى، ئىلگىرى ئېتىزدا ئوخشاش بىر تۈركۈم كۆكتات ئۆستۈرۈشكە 70 كۈن كېتەتتى.» ئەلى شۇنداق دېگەچ بىر تال كۆكتات يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا ئاغزىغا سېلىپ چايناپ، بۇ، سۇدا يۇيمايلا بىۋاسىتە يېگىلى بولىدىغان يېشىل كۆكتات دەپ ماختىدى.

ئەلى بىلەن بىللە «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى» رەقەملەشكەن يېزا ئىگىلىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 20گە يېقىن ياش بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇڭكۇ تۇڭشىن كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىن كەلگەن دېھقانلار. ئەلى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز كەتمەن چاپقاندا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پاكىز كىيىنىپ ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىمىز چۈشىمىزگىمۇ كىرىپ باقمىغانىدى. بۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۆسۈملۈك زاۋۇتىنىڭ يورۇقلۇق شارائىتى، تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇقى، ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنىڭ pH قىممىتى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«خىزمەت مۇھىتى پاكىز، ئۆيگە يېقىن، مەن بۇ خىزمەتنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن، دائىم ئىشلىگەچ ئۇستامدىن مەسلىھەت سورايمەن، بۇ يەردە ئۆگىنىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بار.» ئەلى مۇنداق دېدى: ئايلىق ئاساسىي مائاشىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇ، ئىلگىرىكى پارچە ـ پۇرات ئىشلاردىن قىلغان كىرىمىمدىن خېلىلا يۇقىرى.

2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى دىققەتنى كۇچا يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىپ، يۇڭكۇ تۇڭشىن كەنتىدە «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى» رەقەملەشكەن يېزا ئىگىلىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تۈرىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى. تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024 ـ يىلى 5 ـ ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2024 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

«قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى»نىڭ تىجارەت سودىگىرى، كۇچا جېنشۈەن تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ياپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى» رەقەملەشكەن يېزا ئىگىلىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا سۇدا يېتىشتۈرۈلىدىغان سەككىز خىل كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەر يىلى ئۇدا 18 تۈركۈمدىن 20 تۈركۈمگىچە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، مو بېشى ھوسۇلى ئون توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتنىڭ سەككىز ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.