تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قوناق ئىشلەپچىقىرىش «توننىلىق ئاشلىق دەۋرى»گە كىردى

سانجى ئوبلاستى

قوناق ئىشلەپچىقىرىش «توننىلىق ئاشلىق دەۋرى»گە كىردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ چيەن

«2023 ـ يىلى سانجى ئوبلاستىنىڭ قوناق مو بېشى ھوسۇلى 915 كىلوگىرام بولدى، 2024 ـ يىلى قوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئېشىپ 1018 كىلوگىرامغا يېتىپ، %11 ئاشتى، قوناق ئىشلەپچىقىرىش <توننىلىق ئاشلىق دەۋرى>گە كىردى. بۇنداق زور دەرىجىدە ئۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرالىشىنى يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئەندىزىنى توپلاشتۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىم تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى يېقىندا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گاۋ لېي.

2024 ـ يىلى سانجى ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك ئوبلاست قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، قوناق تېرىلىدىغان 1 مىليون 500 مىڭ مو يەرنىڭ 750 مىڭ موسىدا ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش ـ ئېچىش پىلانى مەخسۇس تۈرى «يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، قۇرغاق رايونلاردا قوناقنى زىچ تېرىپ دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرىنى يولغا قويۇپ، قوناقنى زىچ تېرىشنى دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىپ، قوناقتىن كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

قوناقنى زىچ تېرىپ دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى ئاشلىق زىرائەتلىرىدە ھوسۇل ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ باش ئالىمى لى شاۋكۇن كوللېكتىپنى باشلاپ كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان. بۇ تېخنىكا زىچ تېرىشنى ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنىڭ يادروسى قىلىپ، يەرنى تۈجۈپىلەپ ئاغدۇرۇش، تۈزلەش، ئۇرۇقلارغا دەل جايىدا دورا يالىتىش، يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق يەككە دان سېلىپ تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ماشىنا ئارقىلىق دەل جايىدا يىغىۋېلىش قاتارلىق ئالتە چوڭ دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، قوناقنى زىچ تېرىغاندا ئاسان كۆرۈلىدىغان يېتىپ قېلىش، پۇچەك بولۇپ قېلىش، بالدۇر سولىشىش، تاقابىلچانلىقى ئاجىزلاش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتا ئۈنۈملۈك يۇقىرى ھوسۇل يولى ئېچىپ بەردى. بۇ تېخنىكا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى مۇھىم يېتەكلەش خاراكتېرلىك تېخنىكا ۋە مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكا قىلىپ تاللاندى ھەم 2023 ـ يىلى يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق ھوسۇل ئاشۇرۇش تېخنىكىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

سانجى ئوبلاستى قوناقنى زىچ تېرىپ دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان رايون. 2023 ـ يىلى سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ تېخنىكىنى سىناق قىلىپ، 100 مولۇق ئېتىزدىن ئىككىسى، 1000 مولۇق چاسا ئېتىزدىن ئالتىسى، 10 مىڭ مولۇق بۆلەكتىن ئىككىسى بولغان سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلدى، ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇلى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1450.6 كىلوگىرام، 1364 كىلوگىرام، 1278 كىلوگىرامغا يەتتى. بۇ يەنە 2024 ـ يىلى سانجى ئوبلاستىنىڭ بۇ تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىش، ئەمەلىي قوللىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشتا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. 2024 ـ يىلى سانجى ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىلىرىنى يۇقىرى زىچلىقتا قوناق ئۇرۇقى سېلىش ماشىنىسىنى يېڭىدىن سېتىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلىدى، ئىلھاملاندۇردى. يۇقىرى زىچلىقتا قوناق ئۇرۇقى سېلىش ماشىنىسىنى يېڭىدىن سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىلىرىگە قارىتا، ھەربىر ماشىنىغا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم پۇلى ئاساسىدا، ئوبلاست مالىيەسى يەنە 2400 يۈەندىن 3600 يۈەنگىچە ياردەم پۇلى بەردى. ئوبلاست بويىچە يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن يۇقىرى زىچلىقتا قوناق ئۇرۇقى سېلىش ماشىنىسى جەمئىي 600دىن ئېشىپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئوڭۇشلۇق كېڭەيتىلىشى، ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

«بىز ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تىرىشىپ سانجى ئوبلاستىنىڭ قوناق مو بېشى ھوسۇلىنى 200 كىلوگىرامدىن 300 كىلوگىرامغىچە ئاشۇرۇپ، مو بېشى ھوسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، ھەر مو يەردىن قىلىنىدىغان كىرىمنى 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە كۆپەيتىشنى پىلانلىدۇق» دېدى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ كېرۇ.

گاۋ لېي مۇنداق بىلدۈردى: قوناقنى زىچ تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا پۈتۈن زەنجىرلىك كەسىپ ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا توپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھالقىلىرىدا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى دىققەتنى تۈرگە ئالاقىدار پەن تەتقىقات يۆنىلىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، سانجى خاسلىقىغا ئىگە تەرەققىيات نەتىجىسى ۋە ئەندىزىسىنى تىرىشىپ يىغىنچاقلاپ، سانجى ئوبلاستى ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچلۈك پەن ـ تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.