− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (4)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
سىرتقا ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى. 1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان تەرەققىياتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ يىل «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، قانداق قىلغاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ـ خەلقئارا بازارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش، ئاساسنى پۇختىلاش
ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزىگەندىلا، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق رايون توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىردى. دۆلەت ئىچى بازىرى راۋان بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارانى تۇتاشتۇرىدىغان قوش ئايلىنىشتىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا ئالاقىدار كەسىپلەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلماقتا.
2024 ـ يىلى، شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 4391نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلدى، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشكەن مەبلەغ 935 مىليارد 526 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11 ئېشىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.
قورغاس شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى بىرىنچى پەلەمپەيسىمان ئەترەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2024 ـ يىلى كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى چوڭ، پەن ـ تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، تۈرتكىلىك ئۈنۈمى كۈچلۈك بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزدى. پۈتۈن يىلدا 43 مىليارد 463 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتى، 38 سانائەت كارخانىسى كېلىشىم ئىمزالىدى، ماكانلاشتى، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئومۇمىي مەبلەغ 12 مىليارد 643 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىش باشلانغان تۈر21، قۇرۇلۇش تاماملانغان ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈر تۆت.
قورغاس شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ خۇڭجيەن مۇنداق بىلدۈردى: 2025 ـ يىلى قورغاس دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، بىر تەرەپتىن، شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدىن كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن بولغان ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىپ، قورغاسنى دۆلەت ئىچىدىكى تاۋارلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەندۈرىدىغان مۇھىم تۈگۈن قىلىپ بەرپا قىلىدۇ.
كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا «يول ئىقتىسادى»دىن «تۈگۈن ئىقتىسادى»غا ئۆزگىرىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشماقتا.
ئىسلاھاتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، پورتنى راۋانلاشتۇرۇش
پورت شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.
2024 ـ يىلى، شىنجاڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلدى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، 2024 ـ يىلى «تاشيول پورتى + تەۋە جايدا بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش»نى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، «تۆمۈريول پورتىدا تاموژنىدىن تېز، قولاي ئۆتۈش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمپورت نۇقتىلىق تاۋارلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىشتىكى «ئون تۈرلۈك تەدبىر»نىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى.
شىنجاڭ «تاشيول پورتى + تەۋە جايدا بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى تۇنجى ئىجاد قىلىنغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاتاۋ تاشيول پورتىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىنى توققۇز تۈردىن تۆت تۈرگە قىسقارتتى؛ ئېكسپورت قىلىنغان ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىنى 12 تۈردىن تۆت تۈرگە قىسقارتتى.
ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، پورت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شېڭچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2025 ـ يىلى ئالاتاۋ شەھىرى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق پورتنىڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى، تۈگۈن ئىقتىدار دەرىجىسى، يىغىش ـ تارقاقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرىدۇ.
قورغاس شەھىرىمۇ تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. جۇ خۇڭجيەن مۇنداق بىلدۈردى: قورغاس شەھىرى پورت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاشيول پورتىدا مەركەزلىك تەكشۈرۈش مەيدانى قاتارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەمدە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى پۇرسەت بىلىپ، تۈرگە ئايرىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق پورت تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلارنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەكتە.
ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىش
ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى.
2024 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 403 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %26 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆزىنىڭ رايون ئورنى، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
2024 ـ يىلى، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىقلاردىكى 15 دۆلەت بىلەن سودا ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوندىن ئارتۇق چەت ئەل كارخانىسى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىنىپ، 2024 ـ يىلى 562 قېتىم قاتنىدى، مال كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارى جەمئىي 962 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، سودا سوممىسىنىڭ تەخمىنەن 13 مىليارد 797 مىليون يۈەن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى بۇ يىل «بىر مەركەز ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، قوش يول ئارقىلىق تىرەك بولۇش، كۆپ كۆزنەك ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونى، كاسپىي دېڭىزى، قارا دېڭىز قاتارلىقلارنى ھالقىغان رايونلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، مۇۋاپىق كەسىپلەرنى پائال جەلپ قىلىپ، بايلىق ئامىللىرىنى توپلاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سودا ھەمتۈرتكە بولىدىغان، كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلىدىغان تۈگۈن ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
قورغاس شەھىرى 2025 ـ يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان تۇتاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى چوڭقۇر ئۈستىگە ئېلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى ياسىمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە قاراپ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.
قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىمۇ دەل جايىدا كۈچەپ، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گې خۇڭلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2025 ـ يىلى نۇقتىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باجدىن خالىي كەسىپ كۆلىمى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىمىز. قەشقەر ئاۋىياتسىيە پورتىغا تايىنىپ، ئاۋىياتسىيە ئايلانما كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىپ»، خەلقئارا ھەمكارلىقى «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولىمىز.