تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بەردى، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولدى

بىر خىل كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بېرىش، بىر خىل ئىللىقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش.

شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىلىدىن بېرىپ لاسادا ئاشخانا ئېچىۋاتقان يىگىت 10 مىڭدىن ئارتۇق نان ۋە 60تىن ئارتۇق قوي ئىئانە قىلدى ھەم يەر تەۋرىگەن رايوندا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ھەقسىز پولۇ ئېتىپ بەردى. بۇ ھەرىكەت بىر ئاددىي شىنجاڭلىقنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش» ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى تېخىمۇ جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.

سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بېرىش ئەڭ ئاددىي ـ ساددا شىنجاڭ مېھىر ـ مۇھەببىتى. شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك يېمەكلىكى بولغان نانغا قويۇق يەرلىك مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش تۈسى مۇجەسسەملەنگەن. سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بەرگەن شىنجاڭلىق يىگىت لاسادا ئاشخانا ئاچىدۇ، 15 يىللىق ئورتاق ياشاش، ئورتاق ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇ شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلدى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن يۇرتىنىڭ پۇرىقى ۋە قېرىنداشلىق مېھرى سىڭگەن بۇ ماددىي ئەشيالارنى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ، ئىككىنچى يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشكە ئاتلاندى.

جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش ئەڭ قىممەتلىك قىممەت ئىنتىلىشى. يىگىت كېچىلەپ يەر تەۋرىگەن رايونغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئېلىپ بارغان نان ۋە قوي ھەمدە ئۇ نەق مەيداندا ئەتكەن گۆشلۈك پولۇ يېمەكلىك بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل كۈچ ۋە ئېتىقاد، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەكمۇ بىز قان ـ قېرىنداش، تەقدىرداش، بىز ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتەلەيمىز. يىگىتنىڭ ياخشى ئىشلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىغا زور ئىلھام بېرىپلا قالماي، يەنە ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايون ئارىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتنى، يۇغۇرۇلۇشنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى تاغ ـ دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن مېھىر ـ مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق. شىنجاڭ ئوغلانلىرى شىنجاڭلىقلارنىڭ مەردلىكى ۋە ئىپتىخارلىقى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا قان بىلەن گۆشتەك قېرىنداشلىق رىشتىنى ئورناتتى. ئۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرگە ئاپەت ئالدىدا رايون چېكى بولمايدىغانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، تۇغقانلىرى ئاپەتكە ئۇچراپ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، باشقا ئائىلە ئەزالىرى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنىغا ئويۇلغان چوڭقۇر ھېسسىيات بولۇپ، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭلىق يىگىتنىڭ ياخشى ئىشلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ مەيدان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن، دىڭرى ناھىيەسى چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ.

دىڭرى، غەيرەت قىل!

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.