تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالتە چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىلى، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئالتە چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈپ، قېزىلما بايلىق جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرگەن.

ئالتە چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: قومۇل ۋېييا − شۇجىي كارىز 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك تۆمۈر، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك تىتان بازىسى، پىچان نەخۇل چۆللۈكى − چۆلىڭ 1 مىليون توننا دەرىجىلىك مىس ـ مولىبدېن بازىسى، چاغانتوقاي سۇيوۋخې 500 مىڭ توننا دەرىجىلىك مولىبدېن بازىسى، ئاتۇش پۇچاڭ − قاراجۇل 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك تۆمۈر، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك تىتان بازىسى، چەرچەن − چاقىلىق 100 مىليارد كۇب مېتىر دەرىجىلىك سىلانېتس قاتلىمى گازى بازىسى، يېڭىسار − قاغىلىق 100 مىليارد كۇب مېتىر دەرىجىلىك سىلانېتس قاتلىمى گازى (نېفىت گازى) بازىسى. بۇنىڭدىن باشقا، چىڭگىل جىڭغىل − بۇرۇلتوقاي كوك چوڭ تىپتىكى مىس بايلىق بازىسىنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى شەكىللەندى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا مارالبېشى − ئاتۇش 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك تۆمۈر، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك تىتان قاتارلىق چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسىدىن ى18 شەكىللەندى ۋە مۇستەھكەملەندى.

2024 ـ يىلى، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ بايلىق بىخەتەرلىكى ۋە «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش ـ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۆمۈر، مانگان، ئالتۇن، مىس، نىكېل، قوغۇشۇن ـ سىنك، لىتىي قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ۋە كۆپ مىقدارلىق قېزىلما بايلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاساسىي گېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 500 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىدىن 108ى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، نۆۋەتتە ھەممىسىدە دالا خىزمىتى تاماملاندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئوتلاق ئىشلىتىش بىرلەشمە تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەسى تۈر تىزىملىكى ۋە خىزمەت ھېسابات دەپتىرىگە كىرگۈزۈلگەنلىرىگە قارىتا، بىر بېكەت شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە تېز بېجىردى.

بۇ يىل، شىنجاڭ جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كان ھاسىل بولۇش مېخانىزمى، چوڭقۇر قىسىمدىكى بايلىقنى باھالاش، چوڭقۇر قىسىمدىكى قېزىلما بايلىقلارنى قېزىش قاتارلىق ئۇل خاراكتېرلىك نەزەرىيە ۋە ئۇسۇل، تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.