− كۇچا «كۈسەن تار كوچىسى»دا نۇقتىدا تۇرۇپ خەۋەر قىلىش (2)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
ھەربىر كىشىنىڭ يۇرتىغا بولغان ئەسلىمىسىدە بىر كونا ئۆي بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى خاتىرىلەنگەن، قېرىنداشلىق مېھرى سىڭگەن بولۇپ، سىرتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلارنىڭ يىلتىزى ۋە روھى باغلانغان بولىدۇ.
كۇچا شەھىرىنىڭ ساقساق كوچىسىدىكى «كۈسەن تار كوچىسى»دا، يۈز يىلدىن ئاشىدىغان نۇرغۇن قەدىمكى تۇرالغۇلار بار، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان رېمونت قىلىنمىغاچقا، كۆپىنچىسى بەك كونىراپ كەتكەنىدى.
ھەربىر پارچە خىش ـ كاھىشتا ھارارەت بار، ھەربىر لىم ـ تۈۋرۈكتە ھېكايە بار. قانداق قىلىپ بۇ كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش تار كوچىنىڭ «كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش»ىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىس ئىدى.
«ئەسلىي ماتېرىيال، ئەسلىي شەكىل، ئەسلىي ھۈنەر ـ سەنئەت، ئەسلىي ئۇسلۇبنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئالدى بىلەن پېشايۋاندىكى نەقىشلەرنى قەغەزگە كۆچۈرۈپ چۈشۈردۇق، ئاندىن قەغەزدىكى نەقىشلەرنى ياغاچ تاختىغا ئويدۇق...» 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ساقساق كوچىسىدىكى بىر قەدىمكى تۇرالغۇ ئىچىدە ھۈنەرۋەن ئوسمان ئەلى ھەرىدەپ ـ يۇنۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەۋاتاتتى، پېشانىسىدىن تەر تامچىلىرى تەپچىپ تۇراتتى.
كونا ئۆيلەرنى قوغداپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ يۇرتىنى سېغىنىش ئەسلىمىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 2023 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، كۇچا شەھىرى «كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نى باشلىدى، ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلاش پىرىنسىپى بويىچە، كۇچا كوناشەھەر رايونىدىكى بىرقانچە تارىخىي ئىمارەتنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ رېمونت قىلىشنى باشلىدى، قەدىمكى تۇرالغۇلارنىڭ ئەسلىدىكى بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە تارىخىي تۈسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى.
شۇ يىلى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلىنىپ، كادىرلار، ئامما بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ قىياپىتىنى يېڭىلىماقچى بولغان «كۈسەن تار كوچىسى» قۇرۇلۇشى كۇچا شەھىرىنىڭ كوناشەھەر كوچىلىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.
ئوسمان تۇنجى تۈركۈمدە تار كوچىغا كىرىپ كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلىشنى قانات يايدۇرغان ھۈنەرۋەن. كىچىك چاغلىرىدىلا، ئۇ شۇ جايدىكى پېشقەدەم ئۇستىلاردىن ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى ئۆگەنگەن. تار كوچىدىكى بۇ كونا ئۆيلەرنى ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا پىششىق بىلەتتى. «دەسلەپتە مەن بۇلارنى قايتىدىن بېزەيمىز دەپ ئويلاپتىمەن» دېدى ئۇ.
لېكىن ئوسمان ئىشىك، دېرىزە، پول، ئۆيلەرنىڭ لەمپە، لىملىرىنىڭ گەرچە يۈز يىللىق ئىسسىق ـ سوغۇقتا كونىرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈستىدىكى نەپىس نەقىشلەرنىڭ ئۇ ئىلگىرى كۆرگەنگە ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدى. «ئىلگىرى بىزمۇ نەقىش ئويۇپ باققان، لېكىن بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلۇبىدىكى شوۋزىۋېن، ۋەنزىۋېن، جۇڭگو تۈگۈچى قاتارلىق نەقىشلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان».
كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلىشتا «ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلاش» لازىم، لېكىن بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر يېڭى تۇرالغۇ سېلىشتىنمۇ كۆپ تەس ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۇچا شەھىرى ئەنئەنىۋى مىراسلارنى قوغداش جەھەتتە تەجرىبىسى مول بولغان بېيجىڭ چىڭچېڭ رۇيشيەن رەقەملىك پەن ـ تېخنىكا تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئورنى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، بۇ جايدىكى ئوسمان قاتارلىق 150تىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەننى تەربىيەلىدى.
نېمىشقا بىراقلا يېڭىسىنى قۇرمايمىز؟ نېمىشقا تۆمۈر مىخ بىلەن مۇقىملاشتۇرسا بولمايدۇ؟... دەسلەپتە، ئوسماندا «قانداق رېمونت قىلىش»قا نىسبەتەن نۇرغۇن گۇمان بار ئىدى. ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاددىي رېمونت قىلىش بولماستىن، بەلكى ئىقتىدارى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، ئىمارەتلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى.
بۇ شىركەتنىڭ لايىھەلىگۈچىسى لىن جياچېڭ دائىم ئوسمان بىلەن پىكىر ئالماشتۇراتتى.
«قاراڭ، قەدىمكى تۇرالغۇلاردا ۋەنزىۋېن، شوۋزىۋېن، جۈەنساۋۋېن، چەنجىۋېن قاتارلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى قۇت نۇسخىلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، تام رەسىملىرىدە يەنە شۇ جايدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبى نامايان قىلىنغان، بۇ كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كۆپ مىللەت يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى».
«كونا ئۆيلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كېسەك خىش، سامان لاي بىلەن بۇزۇلغان تامنى رېمونت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».
«كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش مەدەنىيەتنى رېمونت قىلىشتۇر، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىنى رېمونت قىلىشتۇر، ھەقىقىي قول ھۈنەر ئىشى ئىنچىكە ئىش بولۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ».
...
ئوسمان بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، كونا ئۆيلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كونا تۇرالغۇلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى سالاپىتىنى قايتا نامايان قىلىشقا تىرىشتى.
2024 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، كۇچا شەھىرىنىڭ «كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»دە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ھۈنەرۋەنلەر ۋەكىللىرى بېيجىڭغا بېرىشقا تەكلىپ قىلىندى. گۇگۇڭ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، كۆپچىلىك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، قىزغىن پاراڭلىشىپ، ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ھۈنەر ـ سەنئەت ۋە ھۈنەرنى ماختاشتى.
«گۇگۇڭ سارىيىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر بىلەن كۇچادىكى قەدىمىي تۇرالغۇلارنىڭ ئەسلىدە بۇنچە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار ئىكەن، لىم تەگلىكى، كىرىشتۈرۈلگەن قۇرۇلمىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشايدىكەن» ئوسمان ھاياجانغا چۆمدى.
كونا ئۆيلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، ئاھالىلەر بېيىدى، پۈتۈن تار كوچا يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى.
بۇلتۇر 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئوسمان ۋە ئىشداشلىرىنىڭ بەش ئايغا يېقىن رېمونت قىلىشى ئارقىلىق، تار كوچىدىكى نىساخاننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى كۇچا خەلق ناخشىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش نۇقتىسى سۈپىتىدە رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.
«بۇ بوۋام، مومامنىڭ ئۆيى، سېلىنغىنىغا 100 نەچچە يىل بولدى، ئىلگىرى بەك كونىراپ كەتكەنىدى. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ رېمونت قىلىشى ئارقىلىق ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، بېزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقىدەكلا بولغاچقا، ئېكسكۇرسىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ» دېدى نىساخاننىڭ نەۋرە كېلىنى ئالىيە راخمان.
«بۇ كونا ئۆيلەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم دەلىلى.» ئوسمان مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم بۇنى ئويلىغىنىمدا، ئۆزۈمنى قالتىس بىر خىزمەت قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.