شىنجاڭنىڭ ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا
2024 - يىلى سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 110 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 - يىلى، قومۇل - جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قومۇل - جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» دېيىلدى) ۋە سانجى - گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دېيىلدى)دا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 113 مىليارد 782 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى ئۇدا تۆت يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە باش ئورۇندا تۇرغان.
بۇ، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئىككى تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا يىللىق توك يەتكۈزۈش مىقدارىنىڭ تۇنجى قېتىم 110 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىشى بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %4.13 ئاشتى.
سىرتقا يەتكۈزۈلگەن 113 مىليارد 782 مىليون كىلوۋات سائەت توك مىقدارى ئىچىدە، قومۇل - جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 45 مىليارد 409 مىليون كىلوۋات سائەت، سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 68 مىليارد 373 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى. بۇ توك مىقدارى ئۆز جايىدا 32 مىليون 997 مىڭ 400 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر كۆيدۈرگەنگە باراۋەر بولۇپ، توك يەتكۈزۈلگەن ئۆلكىلەرنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 86 مىليون 458 مىڭ 500 توننا، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 280 مىڭ 500 توننا ئازايتتى.
سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 2024 - يىللىق سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.27 ئاشتى، 2024 - يىلى سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ 2023 - يىلىدىكى پۈتۈن جەمئىيەت توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %21.27ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئۆلكىنىڭ تەخمىنەن 76 كۈنلۈك توك ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىغا باراۋەر.
سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى توك يەتكۈزۈش تېرمىنال پونكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى ھەر يىلى خۇادۇڭ رايونىدىكى توك ئىشلىتىشنى يۈرۈشتۈرۈش مەركىزىگە 60 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن 85 مىليارد كىلوۋات سائەتكىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. 2024 - يىلى تومۇز يازدىكى پەللىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە، 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى يۇقىرى قۇۋۋەتلىك يۈرۈشۈشنى سىجىل ساقلىدى، يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى ئۇدا ئۈچ يىل 11 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، توك يەتكۈزۈلگەن ئۆلكىنى كۈچلۈك ئېنېرگىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭدىكى مول كۆمۈر، شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ باشقا ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر تورىنىڭ يادرولۇق غول تور رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا تىيانشان شەرقىي ھالقىسىمان تورى، ئۈرۈمچى - سانجى شەھەر چەمبىرىكى ھالقىسىمان تورى، تىيانشان غەربىي ھالقىسىمان تورى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورى، شىمالىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورىدىن ئىبارەت «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت لىنىيە» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ھەم ئىشەنچلىكلىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.