تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2024 - يىللىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ئەسلەپ ئۆتتى، 2025 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى ماكرولوق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى يۈكسەكلىكتە بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەدە پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، ئۇل ئەسلىھە بويىچە «ئون تور» قاتارلىق تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان بىر تۈركۈم مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2025 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش جەھەتتە سالماقنى زورايتىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە تۈزۈمنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش جەھەتتە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىش جەھەتتە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئىللىقلىقنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش داۋامىدا ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.