شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 - يىلى، شىنجاڭ يېشىل كان تاللاش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرغان، پۈتۈن بىر يىلدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كاندىن 47سى يېڭىدىن كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت - تەبىئىي گازلىقتىن 25ى، كۆمۈر كاندىن 12سى، تۆمۈر كاندىن تۆتى، مىس - نىكېل كېنىدىن تۆتى، مايلىق قۇم كېنى ۋە مىس كاننىڭ ھەرقايسىسىدىن بىرى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 158 يېشىل كان قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكتىن 61ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 97سى بار ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى قېزىلما بايلىقلارنى قوغداش - نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: 2024 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كانلار، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسى جۇڭغار ئويمانلىقى، تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن، كۆمۈركان ساھەسى قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل كانلارنى تاللاش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، يېشىل چارلاش جابدۇقلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، قېزىلما بايلىقلارنىڭ قېزىۋېلىنىش نىسبىتى، رۇدا تاللاپ يىغىۋېلىش نىسبىتى ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ يىل، شىنجاڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشى تەلىپى ۋە تاللاش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كانچىلىق كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشى بويىچە ئىز قوغلاش تىزىملىكى تۇرغۇزىدۇ؛ يېشىل كاننى باھالاش ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە سىجىل كاپالەتلىك قىلىدۇ.