تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ: ئاق قابا، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان. 

   «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قار-مۇز مەيدان-سارايلىرى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاق قابا، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ، جياڭجۈن تېغى، بەييۈن، سايرام كۆلى قاتارلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ مۇز ئۈستى (قار ئۈستى) مەشىق بازىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، يېكاشيا، ئوشئېرىق دالا قار باغچىسى ئېچىلىپ تىجارەت باشلىنىدۇ، بۇرچىن ناھىيەلىك مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزى، كۆكتوقاي ناھىيەسى بىڭيىفاڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تاماملاش تېزلىتىلىدۇ، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى مەكتىپى، كۆكتوقاي تەنھەرىكەتچىلەر ياتاق بىناسى، جامبۇلاق سەرتاي قار تېيىلىش مەيدانىدا قۇرۇلۇش باشلاشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ، شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە تەنھەرىكەتچىلەر ئالماشتۇرۇش مەركىزى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىنى يانداشتۇرۇپ قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. قار-مۇز مەيدانلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. 2025-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە، ھەر يىلى تۆتتىن ئالتىگىچە دالا ئاممىۋى مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇش پىلانلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.