تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىدى

1-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىڭتۇەن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن.

بىڭتۇەن باشقۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايون ئېلان قىلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزۈلدى، ئارال شەھىرى، تيېمېنگۇەن شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، خۇياڭخې شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، شىنشىڭ شەھىرىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1890 يۈەنگە تەڭشىدى، تۇمشۇق شەھىرى، شۇاڭخې شەھىرى، بەيياڭ شەھىرى، بېيتۈن شەھىرى، كۈنيۈ شەھىرىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1750 يۈەنگە تەڭشەلدى. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 18.9 يۈەن،  17.5 يۈەنگە تەڭشەلدى.

ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى سائەتلىك ئىش تۈزۈمىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.

ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەكچىلەر ئۆزى تاپشۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ خىزمەت ۋاقتى ئۇزارتىلغان مائاشنى، چۈشلۈك ئىسمېنا، كېچىلىك ئىسمېنا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇدۇق ئاستى، زەھەرلىك، زىيانلىق قاتارلىق ئالاھىدە خىزمەت مۇھىتى، شارائىتىدىكى قوشۇمچە پۇلنى، قانۇن-نىزام ۋە دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

«شى بىلەن شەھەرنى بىرىكتۈرۈش»باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە، ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلار شى، شەھەرلەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى بىرتۇتاش ئىجرا قىلىدۇ، شەھەر قۇرۇلمىغان شى ھەم تەۋەلىكىدىكى تۇەن-مەيدان (قانۇنىي ئىگە ئورۇن)لار تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئىش ھەققى بېرىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەمگەكچىلەر شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا ئەرز-شىكايەت قىلسا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دەۋا قىلسا بولىدۇ.

(بىڭتۇەن گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن جۈنۋېي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.