− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، ھەرقانداق ئىككىلىنىش، تەۋرىنىش، بوشاڭلىق قىلىش، يۇمشاق قوللۇق قىلىش ياكى يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر بولىدۇ.» 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىق كېرەك».
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان، لېكىن چوڭ ئىش ۋۇجۇدقا چىقتى، دەپ جاكارلايدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردىن قارىغاندا، چىرىكلىك قالدۇقلىرى تېخى تازىلانمىدى، ئېشىش مىقدارى يەنىلا سىجىل يۈزبېرىۋاتىدۇ. كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم ئاستىدا بەزىلەر يەنىلا تەلۋىلەرچە ئىش قىلىۋاتىدۇ، بۇ چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. پەقەت ئۈزۈل - كېسىل ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھى ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، تەستە قولغا كەلگەن غەلىبە نەتىجىلىرىنى تۈپتىن مۇستەھكەملەپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھاسىل قىلىپ، چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز يوقاتقىلى بولىدۇ.
بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىق − ھەم قەتئىي پوزىتسىيە بولۇشنى، ھەم ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، ئېشىش مىقدارىنى توسۇش، ساقلانما مىقدارىنى تازىلاش جەھەتتە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
«تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئېنىق تەلەپ ھازىرقى باسقۇچتىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە.
ناتوغرا ئىستىل بىلەن چىرىكلىك مەسىلىسى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يىلتىزداش، مەنبەداش. تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىك بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ بىر قىسىم دېلولاردىكى ئورتاق نۇقتا. «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلق ئۈچۈن» ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمىدە ئاشكارىلانغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىر قىسىم چىرىك ئۇنسۇرلار يەپ - ئىچىش، ئويۇن - تاماشادىن باشلاپ، قانۇنسىز سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ ھوقۇق - پۇل سودىسى، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلانغان. ناتوغرا ئىستىل چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە، چىرىكلىك كۆپ ھاللاردا «تۆت خاھىش»نىڭ سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ھەربىر ئىستىل مەسىلىسىدىكى «يامراپ كېتىش»نى توسقاندىلا، چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسمىسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىزچىل ئىستىل توغرىلاندى، ئىنتىزام چىڭىتىلدى، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جەزمەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك چىرىكلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى بېيىتىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەڭ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، «تەڭ تۈزەش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقاتقاندىلا، چوقۇم تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
«ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش»كە قايتا قاراپ باقايلى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.
ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولدى. «مەكتەپ تامىقى»نى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچلۈك تۈزەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق پۇلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشقا قول تىقىش، شېرىنكانە ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك» ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇشقىچە، بىر تۈركۈم «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق جازالاشقىچە، يەنە تېببىي دورا ساھەسىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەرتىپكە سېلىپ، دوختۇرخانىنى يەپ سەمىرىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكىچە... دەل خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىغىچە ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى كۈچلۈك قوغدالدى.
پارتىيەمىز چىرىكلىككە كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈردى. «يولۋاس» باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بەردى، «چىۋىن» قالايمىقان ئۇچقان ھامان پالاق بىلەن ئۇردى، چوڭ خىيانەتچىلىك، زور چىرىكلىكنىڭ بىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدى، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرگە ئوخشاشلا قىلچە يول قويمىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، بولۇپمۇ شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ دائىملاشتۇرۇپ تۇتۇپ، پۇقرالارغا ھېس قىلدۇرۇپ ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنى ئاساسىي قاتلامنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىغا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
چىرىكلىكنى بىر كۈن يىلتىزىدىن يوقاتمىغۇچە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ مەيدان مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان زور سىياسىي كۈرەشتە قىلچە ئىككىلىنىشكە، تەۋرىنىشكە، بوشاڭلىق قىلىشقا، يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قىلچە توختىتىپ قويماي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، چوقۇم يېڭى مۇساپىدە تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرەلەيمىز، باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)