شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 594 مىڭ 700 (بىڭتۇەندىكى 281 مىڭ 600 تىجارەت سۇبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.08 ئاشقان.
«ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايون تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى بىر تۈركۈم يېتەكچى خاراكتېرلىك، ئاچقۇچلۇق، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى، بىر قاتار ئەمەلىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئادىل، ھەققانىي، رىقابەتلىك، تەرتىپلىك بولغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. بازار ئىجازىتى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، بىر گەۋدىلەشكەن، ماسلىشىشچان، ئۆگىنىشچان بولغان تىزىملاپ ئەنگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەسىپكە لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش قائىدىسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «يەككە سودا - سانائەتچىدىن كارخانىغا ئايلىنىش»نى تىزىملاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ كارخانا ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش، يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى ئېچىش، كارخانىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىش تۈرلىرىگە قارىتا، بازار ئىجازىتى، تىجارەت ئىجازىتى، چېكىنىپ چىقىش قاتارلىق «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆزنىكى كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
ھازىرقى شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، 2024 - يىلى 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 19 ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرى بىلەن بولغان دائىملىق ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇش، نۇقتا كۆپ، دائىرە كەڭ بولۇش، مەنپەئەت جەھەتتىكى ئىلتىماس - تەلەپ كۆپ خىل بولۇش، تەرەققىيات سەۋىيەسى پەرقلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، شىنجاڭ 42 ماددىلىق تەدبىرنى يولغا قويۇپ، تىپ ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە دەل جايىدا يار - يۆلەك بولدى. ھۆكۈمەت بىلەن بانكا قوشماقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى زىچ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كونكرېت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قاراتمىلىققا ئىگە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تىجارەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قوغداش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەش سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە «قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛ دىققەت تېببىي دورا، مائارىپ، ئاممىۋى ئىشلار، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم تىپىك دېلولار مەركەزلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپى ھەقىقىي قوغدالدى.