تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ: قار-مۇز تەنتەربىيەسى ئىستېمال بېلىتى تارقىتىشقا تۈرتكە بولدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان. 

   «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قار-مۇز ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بېيىتىلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋە ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىشىنى قوللاپ، ئىستىراھەت، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت تەسىراتى، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىپ، مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش ۋە تاغقا چىقىش، پىيادە مېڭىش، دالىدا قونۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەنھەرىكەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. قار تېيىلىش مەيدانى مەنزىرە رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا «ئاز مىقداردا، كۆپ خىللاشقان، خاسلىققا ئىگە» يېمەك-ئىچمەكلەرنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، قار-مۇز ئىستېمال كەسىپ ھالىتى بېيىتىلىدۇ. قىشلىق لاگېر، قار-مۇز تەتقىقات-ئۆگىنىشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلار پەسىللىك كارتا، ياش-ئۆسمۈرلەر كارتىسى، ئۇنىۋېرسال قار تېيىلىش كارتىسى، قار تېيىلغۇچىلارنى قونالغۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئېتىبارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، قار-مۇز تەنتەربىيە ئىستېمال بېلىتى تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئاشۇرۇلىدۇ. قار-مۇز ئىستېمال پەسلى قاتارلىق سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق يۇغۇرۇلغان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.