تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ: قار-مۇز كەسپى تەرەققىيات مەخسۇس فوندى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىلىنىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان.

   «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مالىيە، پۇل مۇئامىلە مەدىتى سالمىقىنى زورايتىلىدۇ. قار-مۇز كەسپى تەرەققىيات مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قار-مۇز مەيدان-ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون پۈتۈن شىنجاڭدىكى S دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ بانكا قەرز پۇلىغا ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، قار-مۇز كارخانىلىرىغا ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش سالمىقى زورايتىلىپ، ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن قار-مۇز كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قار-مۇز كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى ۋە قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، زايوم تارقىتىشى، مۈلۈكنى ئاكسىيەلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. قار-مۇز سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى كېڭەيتىلىپ، سۇغۇرتا تۆلىمى ۋە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.