تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2027-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭ تىرىشىپ 5S قار تېيىلىش مەيدانىنى 10غا يەتكۈزىدۇ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان.

    «لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلغان، قار-مۇز مەدەنىيىتى، قار-مۇز جابدۇقلىرى، قار-مۇز ساياھىتىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان زامانىۋى قار-مۇز كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ. 2027-يىلىغا بارغاندا، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى 10غا، S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئومۇمىي سانى 50 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ، S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا كىرىدىغان ئادەم قېتىم سانى 4 مىليوندىن ئاشۇرۇلۇپ، قار-مۇز كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ 2030-يىلىغا بارغاندا، قار-مۇز كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە شىمال قار-مۇز ئىقتىسادى يېتەكچى رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.