مۇزدا قاتتۇرۇلغان قىزىلگۈل زادى قانچىلىك چىرايلىق؟
قىزىلگۈل سۈزۈك مۇز قاتلىمى ئارىسىدا قاتقان بولۇپ
مۇزنىڭ سۈزۈك ۋە پارقىراقلىقى قىزىلگۈلنىڭ گۈزەللىكى بىلەن
ئېنىق سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ
باشقىچە گۈزەللىكنى نامايان قىلغانىدى
ئەمدى، كىشىلەر داكا قىلىدىغان مۇنداق تام
ئۈرۈمچىدىمۇ بار بولدى!
بۇ دەل نۇرباغ BRT بېكىتىنىڭ يېنىدا
قارىماققا بەك تونۇشمۇ قانداق، توغرا، پوپايكا كىيگەن چوڭ دەرەخلەرمۇ بۇ يەردە
AI ئەمەس! ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دەرەخلەر راستىنلا «پوپايكا كىيدى»
بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق دېيىشتى
«ئۈرۈمچى، رومانتىكىلىق سەندە»
بۇنداق مۇراسىم تۇيغۇسىنى
ئەڭ رومانتىك بولغان سىزگە سوۋغا قىلاي
كۈندۈزى كۆرمىگەن بولسىڭىز ھېچقىسى يوق
كېچىدىكى قىزىلگۈل مۇز تېمى
چىراغ نۇرىدا كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ
مۇزدا قاتتۇرۇلغان بۇ گۈللەرنىڭ ھەممىسى راست گۈلگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان قىزىلگۈللەر بولۇپ
قىش پەسلىدىكى ھاۋارايىغا مۇكەممەل ئۇيغۇنلىشىپ
گۈللەرنىڭ ئوچۇق رەڭگى ۋە شەكلىنى ساقلاپ قېلىپ
كۆپچىلىكنىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشىگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى
قىش كۈنلىرىدە ئىشىكىڭىز ئالدىدىكى بۇ رومانتىكلىقتىن
يىراققا بارماي تۇرۇپمۇ بەھرىمەن بولالايسىز
كۆپچىلىكنىڭ بۇ رومانتىك شەھەرگە كېلىپ داكا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز
بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ
يېڭى يىللىق ئارزۇلار بىلەن بىللە
ئادەتتىكى كۈنلىرىمىزدىكى بىر شېرىن «كەمپۈت»كە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
بىز يەنە كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى
سەيلە-ساياھەت ۋە داكا قىلغاندا
مەدەنىي تاماشا قىلىپ
بۇ ئىللىق شەھەر مەنزىرىسىنىڭ
تېخىمۇ ئۇزاققىچە ساقلىنىشىغا بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى ~