تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچادىكى كۈسەن كىچىك كوچىسى: كونا-يېڭى كوچىلاردا نۇر چاقنىدى

كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر (1-ئاينىڭ 6-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسى كۇچا شەھىرى كوناشەھەر رايونىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان كوچا رايونى بولۇپ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كۇچا كونا شەھىرى بىلەن خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كۈسەن قەدىمىي شەھىرى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، كۇچا تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنىڭ يادرولۇق رايونى ھېسابلىنىدۇ.

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسىدا ساياھەت قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

  ئىلگىرى، بۇ يەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق، تۇرمۇش مۇھىتى ناچار ئىدى. كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كۈسەن كىچىك كوچىسى كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۆزگىچە ئادىمىيەت مەنزىرىسى توپلانغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگىرىپ، ساياھەتچىلەر كۇچاغا كەلگەندە چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسىدىكى بىر چايخانىدا ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچماقتا.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسىدىكى بىر مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا مال سېتىۋالماقتا.

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسىدىكى قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئويۇلغان تام ئەتراپىدا ئوينىماقتا.

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كۈسەن كىچىك كوچىسىدا ئوينىماقتا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.