تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدا قار گۈللىرى ئۇچقۇندىدى | «2025-يىللىق قار-مۇز ساياھىتىدىكى ئون ياخشى شەھەر» ئېلان قىلىندى ئالتاي ۋىلايىتى «ئون ياخشى» قاتارىغا كىردى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلغان 2025-يىللىق قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات يىغىنىدا «جۇڭگو قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات دوكلاتى (2025)» ھەمدە «2025-يىللىق قار-مۇز ساياھىتىدىكى ئون ياخشى شەھەر» ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىساللىرى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان، ئالتاي ۋىلايىتى «2025-يىللىق قار-مۇز ساياھىتىدىكى ئون ياخشى شەھەر» قاتارىغا كىرگەن. 

   بۇ قېتىمقى قار-مۇز ساياھىتى شەھەرلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ باھالاش شەھەرنىڭ قار-مۇز ساياھەت بايلىقى رىقابەت كۆرسەتكۈچى، قار-مۇز ساياھىتى ئېھتىياجى رىقابەت كۆرسەتكۈچى، قار-مۇز ساياھىتى بازىرى رىقابەت كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى، قار-مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھىنى تۈزەش سەۋىيەسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال باھالاندى. «2025-يىللىق قار-مۇز ساياھىتىدىكى ئون ياخشى شەھەر» ئىچىدە خاربىن بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئالتاي ۋىلايىتى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. 

يېقىندا، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ تاغ چوققىسىدا، بىر مەيدان ئۆزگىچە «كەچكى شەپەق يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلدى.

سۈرەتنى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن 

    ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي−جۇڭگو قار-مۇز شەھىرى ئالتاي (شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى) شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «2025-يىللىق قار-مۇز ساياھىتى ماركېتىڭىدا يېڭىلىق يارىتىش مىسالى» تىزىملىكىگە تاللاندى. 

قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

سۈرەتنى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن

    2023-،  2024-يىللىق قار پەسلىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدە جەمئىي 12 مىليون 810 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.98 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 11 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.64 ئاشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.