− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«چىرىكلىك پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئۈزۈل ـ كېسىل بولغان ئۆزلۈك ئىنقىلابى.» 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن يېڭى دەۋردىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۈرلۈك خاتا تونۇشلارنى قەتئىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدىيە تۇمانلىرىنى تازىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىرادە ۋە ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك».
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆزلۈك ئىنقىلابى يۈكسەك ئاڭلىقلىقى بىلەن، «مىڭلىغان كىشىنى رەنجىتسەكمۇ مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ» دېگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، پارىخورلۇقنى جەزمەن تازىلاشتا چىڭ تۇردى، سالمىقى مىسلىسىز بولدى، نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان. ئۆتكەن بىر يىلدا، «يولۋاسنى يوقىتىش»تا چەكلەنگەن رايون بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە» جازالىنىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 700 مىڭدىن كۆپرەكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى مىسلىسىز مۇجەسسەملەندى ۋە ئۇرغۇتۇلدى، بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز باشتىن ـ ئاخىر قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن «ئىككى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق»نى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق، پارتىيەنىڭ بارلىق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈردۇق».
شۇنىڭ بىلەن بىللە جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا، چىرىكلىك قالدۇقلىرى تېخى تازىلانمىدى، ئېشىش مىقدارى يەنىلا سىجىل يۈزبېرىۋاتىدۇ. ئىدىيەۋى تونۇشتىن قارىغاندا، بەزىلەردە ۋەزىيەتكە قارىتا يەنە بەزى خاتا ھۆكۈم ۋە تونۇش مەۋجۇت. پەقەت تۈرلۈك خاتا تونۇشلارنى قەتئىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدىيە تۇمانلىرىنى تازىلىغاندىلا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىگىلى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، چىرىكلىك بىلەن ھوقۇق كۆپ ھاللاردا بىر ـ بىرىگە ھەمراھ بولۇپ بارلىققا كەلگەن، بۇ، چىرىكلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ بىر ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي جەريان ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت يەنىلا مەۋجۇت بولسىلا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان چىرىك ئۇنسۇرلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلساق، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن باشلىنىپ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىنگىچە داۋاملاشقان، بۇ ھەم ئېشىش مىقدارى، ھەم قالدۇق مىقدار. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى يېڭى تېخنىكا، ۋاسىتە، ئۇسۇل قاتارلىقلار ئالدىدا، چىرىك ئۇنسۇرلار بارغانسېرى يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالماي قالدى. چىرىكلىك ئادىللىق، ھەققانىيلىققا زىيان يەتكۈزىدۇ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. پەقەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي كېسىپ تاشلىغاندىلا، كەڭ كادىرلارنى پاكىز ئىش قىلىش، دادىل ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تونۇشتا، چوقۇم تارىخىي نەزەر، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك بولۇش، پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك.» نېمە ئۈچۈن تارىخىي نەزەر بولۇش كېرەك؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ تارىختىن ساۋاق ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن قىممەت ئاساسىي مەقسىتىنى ئىگىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاشتا جەزمەن چىرىكلىكتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ تەھدىتنى تۈگىتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشتە. ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن قارىغاندا، ھازىر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، دۆلەت ئىچى ـ سىرتى مۇھىتىدا ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، پەقەت قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقى، ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مەزمۇت، ياخشى ماڭغىلى، يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە باشتىن ـ ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر خىل ئېزىقتۇرۇش، قورشاپ ئوۋلاش ئالدىدا، پارتىيەمىزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ئىنقىلابىي غايىسىنى كۆپرەك ئويلىشى، جان پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزغان سانسىزلىغان ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى كۆپرەك ئويلىشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۆز قەلبىدىكى سالمىقىنى كۆپرەك ئويلىشى، خىيانەتچىلىك، چىرىكلىكنىڭ ئاقىۋىتى ۋە زىيىنىنى كۆپرەك ئويلىشى، دۇنيادىكى ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەقدىرىنى كۆپرەك ئويلىشى كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىنى مەدھىيەلىگەندىلا، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئەھۋال ۋە بېسىمغا يولۇققاندا مۇستەھكەم تۇرغىلى، تۆۋەن چەكنى ساقلىغىلى، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلىغىلى بولىدۇ.
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىگە قارىتا ئادەتتىن تاشقىرى سەگەك بولۇش، پوزىتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى قەتئىي بولۇش كېرەك، ھەرگىز بوشاڭلىق قىلماسلىق، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش كېرەك. خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم مەسىلىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى ياخشى قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز ۋە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)